ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىساقلىقنى ساقلاش مەركىزى بوۋاق بالىلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قانچە قېتىم چاقىرىدۇ؟

ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى بوۋاق بالىلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قانچە قېتىم چاقىرىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بوۋاق بالىلار تۇغۇلۇپ 4 ياشقا كىرگىچە ئارىلىقتا ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە (ساغلىق ئوجاغى) قانچە قېتىم چاقىرىدۇ؟

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەسىس قىلىنغان مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) دىكى خادىملار، بالىڭىزنى يەنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى تۆۋەندىكى ۋاقىتلاردا چاقىرىپ قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ ۋە كېرەكلىك ۋاكسىنىلارنى ئەملەيدۇ.

 


 

يېڭى تۇغۇلۇپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، 1 ھەپتە ئىچىدە بوۋاق ياكى ئانىسى تىزىملىتىلغان ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە (ساغلىق ئوجاغىدا)  چاقىرىلىپ كېلىپ، بوۋاقنىڭ تاپىنىدىن قان ئېلىپ شاللاپ تەكشۈرۈش قىلىنىدۇ ۋە بۇ تەكشۈرۈر ئارقىلىق 5 تۈرلۈك تۇغما كېسەللىك بار يوقلۇقى تەكشۈرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى ئائىلە ھەكىمى بوۋاققا بەدەن تەكشۈرۈش قىلىدۇ. ئانا سۈتى بېرىش توغرىلىق بەزى تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ.

( مېنىڭ بىر تۇغۇلۇپ ئەمدى 15 كۈنلۈك بولغان سۈرىيەلىك بوۋاق بىمارىمدا، تاپاندىن ئېلىنغان شاللاپ تەكشۈرۈشتە تۇغما بۆرەك ئۈستى بېزى ئىششىپ قېلىش كېسىلى بايقالدى، ھەم ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمگە ئەۋەتتۇق، ئەگەر بۇ كېسەللىكنى ۋاقتىدا بايقاپ، كېرەكلىك داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىلمىسا، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، قان بېسىمىغا تەسىر يېتىدۇ ھەتتا ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرايدۇ.)

يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن سىرت، ئاڭلاش ئىقتىدارى شاللاپ تەكشۈرۈش( işitme tarama testi)، يوتا قىسىم ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش(doğumsal kalça çıkığı ultrason testi)، كۆز تەكشۈرۈش ( prematüre retinopatisi rop muayenesi ) قىلىش ئۈچۈن ، مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ.  بۇ تەكشۈرۈشلەرنى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە قىلالمايدۇ.

 


 

بىر ئايلىق بولغاندا ئىككىنجى قېتىملىق ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ( Hep-B ) ئەملىتىش ئۈچۈن ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە (ساغلىق ئوجاغى) بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقى، باش ئايلانمىسى ئۆلچىلىدۇ. ئانىغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ. تۆمۈر ۋە د ۋىتامىن بېرىلىدۇ، قانداق ئىشلىتىلىشى ئۆگىتىلىدۇ.

بوۋاق تۇغۇلۇپ 1-ئايدا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنا تۆۋەندىكىچە:

ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىككىنجى قېتىملىقى ۋاكسىنىسى II
(بىرىنجى قېتىملىقىنى بوۋاق تۇغۇلغاندا، دوختۇرخانىدا ئۇدۇللا ئەملەيدۇ.)
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Hepatit B (Hep-B) 2 dozu


 

2-ئايغا كىرگەندە ئۈچ ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. بۇ ئۈچ ۋاكسىنا بىر قېتىمدا ئەملىنىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىرگە بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقى، باش ئايلانمىسى ئۆلچىلىدۇ. ئانىغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ.

ئىككىنجى ئايدا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىلار تۆۋەندىكىچە:

1. بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى، ھەرىكەتسىز پولىئو، ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى – بەشلىك بىرلەشمە ۋاكسىنا بىرىنجى قىتىملىقى I .
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى:
DaBT-İPA-Hib Karma Aşı; Difteri-Boğmaca-Tetanoz-Hib-Çocuk Felci 1 dozu.

2. BCG ۋاكسىنىسى .

3. بىرىكتىرمە ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتىرىيىسى بىرىنجى قېتىملىق ۋاكسىنىسى I .
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى:
KPA Pnömokok Aşısı 1 dozu.


 

3-ئايغا كىرگەندە، بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقى، باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەش، بەدەن ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن چاقىرىلىدۇ. ئانىغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى چاقىرىشتا ۋاكسىنا ئەملەنمەيدۇ.


 

4-ئايغا كىرگەندە ئىككى ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىرگە بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقى، باش ئايلانمىسى ئۆلچىلىدۇ. ئانىغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ.

تۆتىنجى ئايدا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىلار تۆۋەندىكىچە:

1. بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى، ھەرىكەتسىز پولىئو، ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بىرلەشمىسى – بەشلىك بىرلەشمە ۋاكسىنا ئىككىنجى قىتىملىقى II.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى:
DaBT-İPA-Hib Karma Aşı; Difteri-Boğmaca-Tetanoz-Hib-Çocuk Felci 2 dozu.

2. بىرىكتىرمە ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتىرىيىسى ئىككىنجى قېتىملىق ۋاكسىنىسى II.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى:
KPA Pnömokok Aşısı 2 dozu.


 

6-ئايغا كىرگەندە ئۈچ ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىرگە بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقى، باش ئايلانمىسى ئۆلچىلىدۇ. ئانىغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ.

ئالتىنجى ئايدا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىلار تۆۋەندىكىچە:

1. ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۈچىنجى قېتىملىق ۋاكسىنىسى III.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Hepatit B (Hep-B) 3 dozu .

2. بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى، ھەرىكەتسىز پولىئو، ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى – بەشلىك بىرلەشمە ۋاكسىنا ئۈچىنجى قىتىملىقى III.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى:
DaBT-İPA-Hib Karma Aşı; Difteri-Boğmaca-Tetanoz-Hib-Çocuk Felci 3 dozu.

3. پولىئو ۋاكسىنىسى بىرىنجى قېتىملىقى I (ئېغىزدىن ئىچىلىدۇ).
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: OPA Oral polio Aşısı 1 dozu.


 

9-ئايغا كىرگەندە، بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقى، باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەش، بەدەن ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن چاقىرىلىدۇ. ئانىغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى چاقىرىشتا ۋاكسىنا ئەملەنمەيدۇ.


 

بوۋاق 12-ئايغا (بىر ياش) قەدەم قويغاندا، ئۈچ ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن بىر چاقىرىلىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىرگە بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقى، باش ئايلانمىسى ئۆلچىلىدۇ. ئانىغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ.

ئون ئىككىنجى ئايدا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىلار تۆۋەندىكىچە:

1. بىرىكتىرمە ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتىرىيىسى ئىككىنجى قېتىملىق ۋاكسىنىسى II .
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: KPA Pnömokok Aşısı 2 dozu.

2. سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Suçiçeği.

3. قىزىل، سوغان، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى بىرىنجى قېتىملىق ۋاكسىنىسى I .
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: KKK Karma Aşı; Kızamık-Kızamıkçık-Kabakulak 1 dozu.


 

بوۋاق 18-ئايغا (بىر يېرىم ياش) قەدەم قويغاندا ، ئۈچ ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ.

ئون سەككىزىنجى ئايدا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىلار تۆۋەندىكىچە:

1. بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى، ھەرىكەتسىز پولىئو، ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى – بەشلىك بىرلەشمە ۋاكسىنا كۈچلەندۈرۈش ۋاكسىنىسى.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى:
DaBT-İPA-Hib Karma Aşı; Difteri-Boğmaca-Tetanoz-Hib-Çocuk Felci Rapel dozu.

2. پولىئو ئىككىنجى قېتىملىق ۋاكسىنىسى II (ئېغىزدىن ئىچىلىدۇ.) .
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: OPA Oral polio Aşısı 2 dozu.

3. ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىرىنجى قېتىملىق ۋاكسىنىسى I.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Hepatit A 1 dozu.


 

24 ئايغا (ئىككى ياش) كىرگەندە، بىر ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن چاقىرىلىدۇ. بالىنىڭ ئېغىرلىقى، بوي ئىگىزلىكى ئۆلچىلىدۇ. ئاتا-ئانىغا كېرەكلىك تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ.

24 ئايدا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنا تۆۋەندىكىچە:

ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىككىنجى قېتىملىق ۋاكسىنىسى II .
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Hepatit A 2 dozu.


 

48 ئايغا (4 ياش) كىرگەندە، ئىككى ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. بالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە بوي ئىگىزلىكى ئۆلچىلىدۇ. ئاتا-ئانىغا كېرەكلىك تەۋسىيەلەر بېرىلىدۇ.

48 ئايدا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىلار تۆۋەندىكىچە:

1. قىزىل، سوغان، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ئىككىنجى قېتىملىق ۋاكسىنىسى II.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: KKK Karma Aşı; Kızamık-Kızamıkçık-Kabakulak 2 dozu.

2. بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى (تېتانوس)، ھەرىكەتسىز پولىئو كۈچلەندۈرۈش ۋاكسىنىسى.
تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: DaBT-İPA Dörtlü karma aşı; Difteri-Boğmaca-Tetanoz- Çocuk Felci Rapel dozu


 

يۇقارىدا بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 4 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا، شۇ بوۋاق ياكى بوۋاقنىڭ ئاپىسى تىزىملاتقان ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) دىكى سىستېرالار دوختۇرلار ئاتا-ئانىنى بوۋاق بىلەن بىرلىكتە چاقىرىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلاردۇر. بۇنىڭدىن سىرت 13 ياشقا كىرگەندە يەنە بىر قېتىملىق ۋاكسىنا ئۈچۈن چاقىرىلىدۇ.

  1. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزدىكى بالىلارنىڭ بەدەن ئەھۋالىنى كۈزىتىپ تۇرۇش، يەنى بەدەن ئېغىرلىقىنى، بوي ئىگىزلىكىنى، باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەش ئىشلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش لازىم.
  2. ئەگەر ئەگەر ئاتا-ئانا بالىسىغا ۋاكسىنا ئەملەشنى خالىمىسا، ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى خادىملارغا ئېنىق دىسە بولىدۇ.
  3. بوۋاقنىڭ بەدىنىدى باشقا ئالامەتلەر بولسا ، مەسىلەن ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىچى سۈرۈش، قىززىش، بېشى قېيىش، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، بېشى ئاغرىش، تېرىدە بىنورماللىقلار كۆرۈلۈش… ئەھۋاللار بولۇپ،  قايسى بۆلۈمگە ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشنى بىلەلمىگەندە، ھەرزامان ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە بېرىپ تەۋسىيە ئالسا بولىدۇ.
  4. ئەگەر ھامىلدار بولسا، ياكى بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغان بولسا، ئامال بار ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە تىزىملىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى بەك يىراق جايدىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرىگە ئاپىرىپ، يۇقارقى ئىشلارنى قىلدۇرۇش تەسكە توختايدۇ.
  5. بوۋاقنىڭ ئىقامىتى چىققان ھامان ئانىسى تىزىملىتىغلىق ئائىلە دوختۇرىغا تىزىملىتىش، ئەگەر بۇ دوختۇرنىڭ بىمار سانى توشۇپ كەتكەن بولسا، شۇ ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى باشقا بىر دوختۇرغا تىزىملىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مەقسەت ئانا بىلەن بوۋاق بىر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە تىزىملىتىپ، ئىككىلىسىنىڭ تەكشۈرتۈشكە قولايلىق يارىتىش.
  6. يۇقارقى ۋاكسىنا ۋە ئىشلار ھەممىسى ھەقسىز بولىدۇ.
  7. ئەگەر تىزىملاتقان ئائىلە دوختۇرىڭىز سىز بىلەن ئانچە كارى بولمىغاندەك ھىس قىلسىڭىز، ھەرزامان ئائىلە دوختۇرىڭىزنى ئالماشتۇرالايسىز. بوۋاقنىڭ ھەم سىىزنىڭ تەكشۈرۈشلەر، ۋاكسىنىلار يېڭى ئالماشتۇرغان دوختۇرىڭىزدا داۋام قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ.
  8. ۋاكسىنا دەپتىرىنى ياخشى ساقلاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
  9. كام قالغان مەزمونلارنى يەنە تولۇقلاپ قويۇشقا تىرىشىمەن.

تەييارلىغۇچى:
نۇرمەمەت دوختۇر


 

بەزى پايدىلىق ئۇلىنىشلار:

0.ئايدىن باشلاپ 60.ئايغىچە بولغان بوۋاق بالىلاردىكى نورمال ئۆزگىرىشلەر

0.ئايدىن باشلاپ 60.ئايغىچە بولغان بوۋاق بالىلاردىكى نورمال ئۆزگىرىشلەر

0 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى جەدۋىلى

0 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى جەدۋىلى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى ھەم ئېگىزلىكىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بوي ئىگىزلىكىنى، ئېغىرلىقىنى، باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ

ۋاكسىنىلار تېخىمۇ تەپسىلىي مەزمونلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەسىس قىلغان بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا تۈرلىرى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-05-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-13 / 11:56:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ