ئانا سەھىپەپايدىلىق ئۇچۇرلاردوختۇرخانىلارتۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) ھەققىدە 10 سوئال جاۋاپلار (11-20)

تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) ھەققىدە 10 سوئال جاۋاپلار (11-20)

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) ھەققىدە 10 سوئال جاۋاپلار (11-20)

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار، ئاز تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپىڭىزدىكى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساغلىقنى ساقلاش مەركىزى (يەنى ساغلىق ئوجاغىنى) نى چۈشىنىپ قويۇڭ.

00:00 كىرىش سۆز
00:53 1.ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) ئائىلە دوختۇرىغا قانداق تىزىملىتىمىز؟ قانداق ئالماشتۇرىمىز؟
05:49 2.پاسپورت ئىقامەت بولمىسا ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە (ساغلىق ئوجاغى) بارساق بولمامدۇ؟ قەيەرگە بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلالايمىز؟ گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى.
07:38 3.ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) ئائىلە ھەكىمى دوختۇرۇمغا ئۇدۇل بارسام بولامدۇ؟ نومۇر رەندىۋۇ ئېلىش كېرەكمۇ؟ كېرەك بولسا قانداق ئالىمەن؟
11:51 4.ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) دوختۇرلار بىلەن قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك؟
18:13 5.ئائىلە دوختۇرۇم بىز بىلەن كارى يوقتەك ھىس قىلدىم، سەۋەبى نىمە؟
20:41 6.نىمىشقا دوختۇرلار ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى باشقىلارغا ئاسانلىقچە بەرمەيدۇ؟
22:28 7.ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ؟
28:00 8.يۇقارقى تەكشۈرۈشلەرنى بارغان ھامانلا چوقۇم قىلىپ قويامدۇ؟
30:30 9.ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) قان نەتىجىلىرى قاچان چىقىدۇ؟ توغرىلىق دەرىجىسى قانچىلىك؟
32:21 10.ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) تەكشۈرگەن قان نەتىجىلەرنى قەيەردىن كۆرەلەيمەن؟ باشقا دوختۇرلار كۆرەلەمدۇ؟
33:53 كېيىنكى قىسىمدا….

ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن!

 

تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) ھەققىدە سوئال-جاۋاپلار 11-20 :

 

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار، ئاز تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپىڭىزدىكى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساغلىقنى ساقلاش مەركىزى (يەنى ساغلىق ئوجاغىنى) نى چۈشىنىپ قويۇڭ.

 

1. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) ئائىلە دوختۇرىغا قانداق تىزىملىتىمىز؟ قانداق ئالماشتۇرىمىز؟

ئالدىنقى ۋىدىئونىڭ ئاخىرىدا ئاز تولا بۇ قىسىمنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم.

  • ئې نابىز E-nabız سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تېلىفوندا ياكى كومپىيوتېردا نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئاسانلا ئالماشتۇرالايسىز. ئاي ئوتتۇرىدا ئالماشتۇرسىڭىز، شۇ كۈنى يېرىم كېچە 12 دە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ئاي بېشى ۋە ئاخىرىدا ئالماشتۇرسىڭىز ھەر ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
  • سىز ئالماشتۇرماقچى بولغان يېڭى ئائىلە دوختۇرىڭىزغا دىسىڭىز سىستېمدىن ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.
  • سىز تۇرۇشلۇق رايون سەھىيە ئىدارىسى ( ئىلچە ساغلىق مۈدۈرلۈگۈ ilçe sağlık müdürlüğü) گە بېرىپ ئىلتىماس تاپشۇرىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
  • ئائىلە دوختۇرىغا تىزىملىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئىقامەت لازىم.

 

 

 

 

2. پاسپورت ئىقامەت بولمىسا ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە (ساغلىق ئوجاغى) بارساق بولمامدۇ؟ قەيەرگە بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلالايمىز؟ گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى.

بۇ سوئالنىمۇ ئالدىنقى ۋىدىئودا سۆزلەپتىكەنمەن. پەقەت سەل تەپسىلىيراق توختىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم.

ئىقامىتى يوق، پەقەت پاسپورتى بارلار،  ۋەيا ئىقامىتى يوق ھەم پاسپورتى يوقلار ئائىلە دوختۇرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، رايون كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى göçmen sağlığı merkezi ۋەيا göçmenler sağlık ocağı ) غا بېرىشى لازىم.

 

 

 

3. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) ئائىلە ھەكىمى دوختۇرۇمغا ئۇدۇل بارسام بولامدۇ؟ نومۇر رەندىۋۇ ئېلىش كېرەكمۇ؟ كېرەك بولسا قانداق ئالىمەن؟

  • MHRS سىستېمىسى ، مەركىزى ھەكىملەر رەندىۋۇ (نومۇر ئېلىش) سىستېمىسى. بۇ ئۇسۇل ئەڭ قولاي. ئەپ چۈشۈرۈپ، ئې دەۋلەت بىلەن كىرسىلا كۆرۈنىدۇ، ئالغىلى بولىدۇ. بەزى ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرىدىكى دوختۇرلار بىمارلارنى ئالماي كېلىۋېرىڭلار دەيدۇ. مەسىلەن مېنىڭكى بۇ يەر. ھەم مېنىڭكى MHRS سىستېمىدە توغرا كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. ئۇنى ئوڭشاش جەريانىدا. شۇڭا ماڭا نومۇر ئالماي، ۋاتسئاپتا ئۇچۇر قىلىپ قويۇپ كېلىۋەرسەڭلار بولىدۇ.
  • 182 گە تېلىفون قىلىپ نومۇر رەندىۋۇ ئېلىش.

 

 

4. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) دوختۇرلار بىلەن قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك؟

  • تۈركچىنى بىلىش لازىم. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان بولۇش لازىم.
  • ئەگەر بىمار تۈركچىسى ياخشى بولمىسا، تۈركچە ئۇقىدىغان بىرسىنى بىللە ئېلىپ بېرىش ۋەيا تۈركچە ئۇقىدىغان بىرسىگە تېلىفون قىلىپ تەرجىمە قىلدۇرۇش لازىم.
  • ئەگەر تۈركچىسى ياخشى بولمىسا، بېرىشنىڭ ئالدىدا بەدەندىكى ئالامەتلەرنى، سورىماقچى بولغان سوئاللىرىنى ئالدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ ئېلىۋېلىشى لازىم.
  • دوختۇر دورا يېزىپ بەرگەندە، باشقا بۆلۈم، باشقا دوختۇرخانا، باشقا دوختۇر تەۋسىيە قىلغاندا ئامال بار قەغەزگە يازدۇرۇۋېلىش لازىم. چۈنكى بىمار ئىشىكتىن چىقىپ ئۇنتۇپ قېلىش مۇمكىن.

 

 

5. ئائىلە دوختۇرۇم بىز بىلەن كارى يوقتەك ھىس قىلدىم، سەۋەبى نىمە؟

  • تىل مەسىلىسى، بىر بىرىنى چۈشىنەلمەسلىك
  • شۇ ۋاقىتتىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى ئىش يۈكى مەسىلىسى
  • بىمارنىڭ پوزىتسىيىسى مەسىلىسى
  • دوختۇرنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى شۇنداق ۋەيا كەسپىي ئەخلاق مەسىلىسى

 

 

6. نىمىشقا دوختۇرلار ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى باشقىلارغا ئاسانلىقچە بەرمەيدۇ؟

 

 

7. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ؟

 

توردىن ئىزدىسىڭىز ئاسانلا تاپالايسىز. مەنمۇ دوختۇرلار تور بېكىتىمىزگە ئۇيغۇرچە تۈركچە شەكىلدە چىقىرىپ قويىمەن ۋە كېيىنكى ۋىدىئولاردا ھەربىر تەكشۈرۈشنىڭ نىمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى تەپسىلىيراق توختىلىپ ئۆتىمەن. تۆۋەندە جەدۋەل شەكىلدە چىقىرىپ قويدۇم.

  • ئاچ قورساق قان شىكىرى، 3 ئايلىق قان شىكىرى ئەھۋالى
    aç karın şeker, 3 aylık şeker
  • قان گۇرۇپپىسى
    kan grubu
  • خېموگرام (قىزىل قان، ئاق قان دانچىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى، قانسىزلىق ۋە باشقىلار)
    hemogram , kansızlık
  • بىئوخىمىيە قان تەكشۈرۈشى (جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك، ۋە باشقىلارنىڭ روللىرى)
    biyokimya (karaciğer, safra, pankreas, böbrek fonksiyonları)
  • يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (ئەيدىز، جىنسىي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغلىرى)
    HIV, HBV, HCV, VDRL…
  • قاندا ياللۇغ ئەھۋالى، رېماتىزما شۈبھىسى،
    CRP, ASO
  • ھامىلدارلىق
    Beta-hcg
  • قاندىكى تۆمۈر ماددىسى ئەھۋالى، كالتسىي، ناترىي، كالىي، ماگنىي، فوسفور، خلور…ماددىلىرىنىڭ ئەھۋالى.
    Demir, Ca, K, Na, P, Cl, Mg….
  • قاندىكى ماي (خولىستېرول ۋە باشقىلار) نىڭ ئەھۋالى
    kolesterol, LDL, HDL,…
  • قالقانسىمان بەز رولى
    TSH, T4
  • مەزى بېزى ئۆسمىسى (راكى) شۈبھىسى
    PSA
  • مۇسكۇللارنىڭ ئېرىش ئەھۋالى
    ..

ئىلگىرى د ۋىتامىن، ب 12 ۋىتامىن، يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىنى (يەنى فولىك ئاسىت) لارنىمۇ ئۆلچىيەلەيتى. ھازىر ئۇلار چىقىرۋېتىلىپتۇ.

بۇ قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمار بەدەن ساغلاملىقىدىن خېلى كۆپ ئۇچۇرلارنى (يەنى بىمارنىڭ ئومومىي بەدەن ئەھۋالىنى، مۇھىم ئورگانلىرىنىڭ رولى نورمال ۋەيا ئەمەسلىكى، بەزى سوزۇلما ۋەيا ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن شۈبھىلىرى… ) بىلەلەيمىز. بۇ تەكشۈرۈشلەر ھەرگىزمۇ بىر تەكشۈرۈش بىر ئورگاننىڭلا ئىكەن، جىگەر ئۈچۈن ASTلا تەكشۈرسە يېتەرلىككەن، نىمە دىگەن ئاسان دەپ چۈشەنمەڭ. دوختۇرلار يۇقارقى تەكشۈرۈشلەر، بىمارنىڭ ئالامەتلىرى، كېسەل تارىخى، يىپ ئۇچلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى ئالدىن بايقىيالايدۇ.

(بەزىدە ماڭا بىمارلار پەقەت قان تەكشۈرۈشىنى ئەۋەتىپلا، قاراپ باقسىڭىز ساقمىكەنمەن، دەپ سورايدۇ. مەن جاۋابىمدا بىمارنىڭ باشقا ئەھۋاللىرىنى سورايمەن، ئەگەر تولۇق تەمىنلەپ بەرمىسە، «تەكشۈرۈش نەتىجىڭىز نورمالكەن ۋەيا بىنورمالكەن» دەپ جاۋاپ بېرەلەيمەن خالاس. ئەمما بىر كىشىنىڭ ساق ۋەيا ساقسىز بولۇشىنى ھەرقايسى نوقتىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش لازىم.)

 

 

8. يۇقارقى تەكشۈرۈشلەرنى بارغان ھامانلا چوقۇم قىلىپ قويامدۇ؟

  • سىز شۇ ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى مەلۇم دوختۇرغا تىزىملاتقان بولۇشىڭىز لازىم.
  • ئىقامىتىڭىز يېنىڭىزدا بولۇشى لازىم.
  • بەدىنىڭىزدىكى ئالامەتلەرنى، سىزنىڭ ئەندىشىڭىزنى دوختۇر ئومۇمىي باھالاپ ئاندىن قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشنى قارار بېرىدۇ.
  • شۇ مەركەزنىڭ قان ئالىدىغان كۈن ۋە ۋاقىتتا بولۇشى كېرەك. (مەسىلەن ئاۋجىلار 7.نومۇرلۇق ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە سەيشەنبە، پەيشەنبە ئەتتىگەن 8:30-9:30 ئارىسىدا قىلىدۇ، باشقا يەرلەردە ئوخشىمىغان ۋاقىتلار بولۇشى مۇمكىن.)

 

 

9. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) قان نەتىجىلىرى قاچان چىقىدۇ؟ توغرىلىق دەرىجىسى قانچىلىك؟

كۆپىنچە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان قان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسى ئەتىسى كۈنى چۈشتىن كېيىن چىقىدۇ. نورمالدا قان ئالغان ۋاقىتتا، سىستېرالاردىن نەتىجىنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى سورىۋالسىڭىز بولىدۇ.

توغرىلىق دەرىجىسى ئادەتتە 95-99% دىسەك بولىدۇ. ناھايىتى ئاز ۋاقىتلاردا خاتا نەتىجە چىقىدۇ. ئەگەر نەتىجىلىرىڭىزگە شۈبھى تۇغۇلسا، دوختۇرىڭىزدىن قايتا سوراپ جەزىملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

 

10. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) تەكشۈرگەن قان نەتىجىلەرنى قەيەردىن كۆرەلەيمەن؟ باشقا دوختۇرلار كۆرەلەمدۇ؟

  • ئې نابىزدىن كۆرەلەيسىز. ناھايىتى قولاي.
  • دوختۇرىڭىز سىزگە دەپ بېرىدۇ، ئەگەر ئەپلىك بولسا قەغەزگە ئۇرۇپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
  • ئەگەر سىز ئې نابىزدا باشقا دوختۇرلار بىلەن ھەمبەھىرلەنمەيمەن دىگەن تاللاشنى تاللىمىغانلا بولسىڭىز، باشقا دوختۇرخانىلارغا بارغاندا شۇ يەردىكى دوختۇرلارمۇ نەتىجىلىرىڭىزنى كۆرەلەيدۇ. بولمىسا سىزدىن ئىجازەت ئېلىپ كۆرۈشكە مەجبۇر قالىدۇ.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 04:47:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ