توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. دىيابېت كېسىلى
2. يۇقىرى قان بېسىم
3. قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش
4. يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشى
5. جىگەرنى ماي قاپلاش
6. سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى ياكى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى
7. ئۆتكە تاش چۈشۈش
8. ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى
9. تىز بوغۇمى ۋە يانپاش بوغۇمى ئاسانلا زەخىملىنىش
10. ھۆل تەمرەتكە، تېرە ياللۇغى قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرى
11. ئاياللاردا ئاسانلا ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەتتا مۇددەتتىن بۇرۇن ھەيز توختاش ياكى ھامىلىدار بولالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ
12. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا ئەمچەك يېتىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ
13. پىسخىكىلىق توسالغۇ، يېنىك بولغاندا ئۆزىنى كەمسىتىش، ئېغىر بولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاھىشى كۆرۈلىدۇ.
سېمىز كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆت ئىشنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك:
1. ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاپ، ئۇزۇن مۇددەت چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئارتۇق ماينى خورىتىش كېرەك؛
2. يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش، ئىمكانقەدەر مايلىق، قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش؛
3. قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش، تۈنىمەسلىك، زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش؛
4. بىرلەمچى كېسەللىكلەرنى ئاكتىپ داۋالاش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17965993.shtml