ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاسپىرىن دائىم ئۇچرايدىغان دورىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئاغرىق توختىتىش، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش قاتارلىق جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ، بەزى كىشىلەر كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئاسپىرىننى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلگەچكە دورىنىڭ ئەكس تەسىرى كۆرۈلۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئۇنداقتا ئاسپىرىننى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلغاندا قانداق ئەكس تەسىرلەر كۆرۈلىدۇ؟
1. ئاشقان، ئۈچەيدە بىئاراملىق پەيدا بولىدۇ
ئاسپىرىننىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈدىغان ئەكس تەسىرلىرىنىڭ بىرى دەپ ئاشقازان، ئۈچەيدە بىئاراملىق پەيدا قىلىش. نۇرغۇنلىغان بىمارلار ئاسپىرىن ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
2. سەزگۈرلۈك
بەزى كىشىلەرنىڭ بەدىنى زىيادە سەزگۈر بولۇپ، ئاسپىرىن يېگەندىمۇ سەزگۈرلۈك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
ئۇنداقتا ئاسپىرىن يېگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش
ئاسپىرىن ئىستېمال قىلغاندا چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستېمال قىلىش، خالىغانچە قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشى، ئەكس تەسىر كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
2. قان نوكچىسى پەيدا بولۇشقا قارشى تۇرىدىغان دورىلار بىلەن قوشۇپ يېمەسلىك
ئاسپىرىننىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار قان نوكچىسى پەيدا بولۇشقا قارشى تۇرىدىغان دورىلار بىلەن رېئاكسىيەلىشىدىغان بولۇپ، ئاسپىرىن يېگەندە بۇ خىلدىكى دورىلار بىلەن قوشۇپ يېمەسلىك كېرەك.
3. دورا يېيىشتىن بۇرۇن تەكشۈرتۈش
بىمارلار ئاسپىرىن يېيىشتىن بۇرۇن پۈتۈن بەدەن تەكشۈرتىشى قىلدۇرۇش لازىم.
4. بىنورماللىق كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دورىنى توختىتىش
ئەگەر ئاسپىرىن ئىستېمال قىلغاندا بىنورماللىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم ۋاقتىدا دورا توختىتىش، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ تۈپكى سەۋەبنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن دورىنى تەڭشەش لازىم.
ئاسپىرىن
aspirin
阿司匹林
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17806629.shtml