ئانا سەھىپەرەسىملەرX-ray, CT, MRI ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەر9 ياشلىق ئەركەك بىمار سول ئۆپكە ياللۇغى داۋالاشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى رېنتىگېن...

9 ياشلىق ئەركەك بىمار سول ئۆپكە ياللۇغى داۋالاشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى رېنتىگېن ئۆزگىرىشلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

9 ياشلىق ئەركەك بىمار 4 كۈننىڭ ياقى قۇرۇق يۆتەل، قىزىتما، چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا سول كۆكرەكتە ئاغرىق ئالامەتلىرى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كېلىدۇ. بىمار بالىنىڭ ئۆپكە رېنتىگېنىدە سول تەرەپتە ئاق رەڭدە كۆرۈنگەن ياللۇغلىنىش ئىنفىلراتسىيە قىسمى كۆرۈنگەن. بىماردىن ئېلىنغان قان تەكشۈرۈشتە س ر پ CRP 130 ، ئاق قان دانچىسى 13 مىڭ. procalcitonine نورمال چىققان. بىمارنىڭ قاندىكى ئوكسىگېن تويۇنۇشچانلىقى 92 ئەتراپىدا بولغان.

بىمارغا ياللۇغ قايتۇرۇش (ئانتىبىيوتىك) دورىنى تومۇردىن بېرىش، بىمارنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىش ئۈچۈن، بىمارنى بالىلار بۆلۈمى بالنىتسىغا قوبۇل قىلىپ بىر ھەپتە ئىككى تۈرلۈك ياللۇغ قايتۇرۇش (ئانتىبىيوتىك) دورىسى بېرىش ۋە كۈزىتىش ئېلىپ بېرىلدى.

6 كۈنلۈك كۈزىتىش ۋە داۋالاش نەتىجىسىدە، بىمارنىڭ ئەھۋالى سەللىمازا ساقايدى. ئىككىنجى كۈندىن تارتىپ بىماردا قىزىش بولمىدى. 6. كۈندە قاندىكى ئوكسىگېن تويۇنۇشچانلىقى نورمال ھاۋادا 97 ئەتراپىدا تۇراقلاشتى. يۆتەل قېتىم سانى ۋە دەرىجىسى ئازايدى. 6. كۈنىدە بىماردىن قان تەكشۈرۈش ۋە ئۆپكە رېنتىگىنى تارتىلدى. قان تەكشۈرۈش نورمال چىقتى. تارتىلغان ئۆپكە رېنتىگېنىدە ياللۇغ قىسمىنىڭ ساقايغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-06-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-27 / 06:21:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ