ئانا سەھىپەئەنئەنىۋىي تېبابەتلەرجۇڭيى تېبابىتىسۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنى جۇڭيىچە داۋالاشقا بولامدۇ؟

سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنى جۇڭيىچە داۋالاشقا بولامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش نۆۋەتتە بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان سۆڭەك كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر قەدەر روشەن ئاغرىق ئالامىتىگە ئىگە، گەرچە بىر قەدەر ئاددىي، كىچىك كېسەللىك بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ساغلاملىققا غايەت زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭيى تېبابىتى ئارقىلىقمۇ سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، بىراق ئوخشىمىغان تۈردىكى سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش ۋە بىمارنىڭ كونكرېت كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ئاندىن كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنى داۋالاشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟

1. يىڭنە سانجىپ داۋالاش

يىڭنە سانجىپ داۋالاش ۋە داغلاپ داۋالاش جۇڭيى تېبابىتىدە دائىم قوللىنىلىدىغان بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ۋە داغلاپ داۋالاش ئاساسلىقى تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئەمما سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلالمايدۇ. شۇڭا يىڭنە سانجىپ داۋالاش كىلىنىكىدا ئادەتتە قوشۇمچە داۋالاش سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ، سۆڭەك ئۆسۈپ قالغان ئورۇندىكى ياللۇغلىنىشنى يوقىتىدۇ ھەمدە قوزغىلىش مەزگىلىدىكى ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا كونترول قىلىش ئۈنۈمىنى ئوينايدۇ.

2. ئۇۋۇلاش

ئۇۋۇلاپ داۋالاش بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كۈتۈنۈپ داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، سۆڭەك ئۆسۈپ قالغان بىمارلارغا قارىتا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار. ئۇۋۇلاپ داۋالاش سۆڭەك ئۆسۈپ قالغان ئورۇندىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئەمما بۇ خىل تەسىر چەكلىمىلىككە ئىگە، شۇڭا باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇۋۇلاپ بېرىشكە بولىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ كېسىلى ئاستا خاراكتېرلىك تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويسا، ئۇزاق مۇددەت ئۇۋۇلاش ئارقىلىق داۋاملىق ياخشىلىغىلى بولىدۇ، گەرچە يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ياخشى كونترول قىلىش ئۈنۈمىگە ئىگە.

3. تارتىپ داۋالاش

تارتىپ داۋالاش (تاشقى كۈچ ئارقىلىق بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى ياكى بوغۇمىغا تارتىش كۈچى بېرىپ، ئەتراپتىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنى مۇۋاپىق تارتىپ، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنى داۋالاش مەقسىتىگە يېتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇل) نۆۋەتتە بىر قەدەر يېڭى تىپتىكى داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭيى تېبابىتىدە ئاساسلىقى ئۈسكۈنىگە تايىنىپ تارتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنىڭ نېرۋا ۋە توقۇلمىلارغا بولغان بېسىمى يېنىكلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاغرىقنى پەسەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، بەل ئومۇرتقىسى ياكى بويۇن ئومۇرتقىسى سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈپ قالغان كىشىلەرگە بىر قەدەر ماس كېلىدۇ. بىراق تارتىپ داۋالاش فىزىكىلىق داۋالاشنىڭ بىر خىلى بولۇپ، پەقەت قىسمەن كونترول قىلالايدۇ، ئەمما تۈپتىن داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

4. جۇڭيى دورىلىرى ئارقىلىق داۋالاش

تېبابەت دورىسى ئارقىلىق سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، بەلگىلىك تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاش مۇمكىنچىلىكى بار، سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش دەسلەپكى مەزگىلدە بەدەننىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمىغا تەۋە بولغاچقا جۇڭيى دورىلىرى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، لېكىن كېيىنكى مەزگىلدىكى پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇڭا تۈپتىن داۋالاش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. لېكىن جۇڭيى دورىلىرى بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتە بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشىش ناھايىتى قىيىن، ھەتتا ئۇزاق مۇددەت داۋالىغاندا ئاندىن ئاغرىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17844168.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ