ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر كېسەللىكلىرىمەنى تەتۈر كېلىش دىگەن قانداق ئەھۋال؟

مەنى تەتۈر كېلىش دىگەن قانداق ئەھۋال؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

سوئال: مەن يېقىندا مەزى بېزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇردۇم، شۇنىڭدىن كېىن، جىنسى ئالاقە قىلغاندا مەنى دوۋساققا ئېقىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى، بۇ قانداق ئىش؟ مەنىنىڭ داۋاملىق دوۋساققا ئېقىپ كېتىشنىڭ زىيىنى بارمۇ يوق؟

دوختۇر: سىز ئېيتقان كېسەللىك «مەنى تەتۈر كېلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. سۈيدۈك يولى ئارقىلىق، مەزى بېزى ئوپېراتسىيە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىدە «مەنى تەتۈر كېلىش» يۈز بېرىدۇ. ئەپسۇسكى، دوختۇر بۇ ئەھۋالنى كېسەل كىشىگە ئالدىنئالا ئېيتماي، نەتىجىدە ئوپېراتسىيەدىن كېىن ئورۇنسىز ۋەھىمە كېلىپ چىقىدۇ (ئومۇمەن ياشانغان كىشىلەردە پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى بولمايدۇ، جىنسىي پائالىيەتمۇ ئازراق بولىدۇ) .

مەنى تەتۈر كېلىش دىگەن قانداق ئەھۋال؟

مەنى تەتۈر كېلىشنىڭ يۈز بېرىشى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ئىشىغان مەزى بېزىنى ئېلىۋېتىش ۋاقتىدا، سۈيدۈك يول قىرى ۋە ئارقا تەرەت يولىنىڭ ئىچىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇللار زەخىملىنىدۇ، نەتىجىدە ئۇرۇق خالتىسىدىكى مەنى چىقىرىش نەيچىسىنىڭ يۆنىلىشى سۈيدۈك چىقىرىش يولىدىن دوۋساق تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىپ كېتىپ، «مەنى تەتۈر كېلىش» كېلىپ چىقىدۇ.

ئارقار تەرەت يولىدىن مەزى بېزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشتا، سۈيدۈك يول قىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ناھايىتى تەس. چۈنكى ئوپېراتسىيە تاتۇقى مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، سۈيدۈك يولى قىرلىرى ئۆزگىرىپ كېتىپ، مەنى چىقىرىش نەيچىسىنىڭ يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

«مەنى تەتۈر كېلىش» نىڭ بەدەنگە زىيىنى يوق، كىچىك تەرەت قىلغاندا مەنى تەبىئىى ھالدا چىقىپ كېتىدۇ.

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا)
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-23 / 04:32:06

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ