ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار كېسەللىكلىرىسوققاق تومۇر قېتىشىش ياشانغانلاردا پۇتنىڭ پېتى تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

سوققاق تومۇر قېتىشىش ياشانغانلاردا پۇتنىڭ پېتى تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ، كىشلەر پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشىنى كالتىسىي كەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، دەپ قارايدۇ . چۈنكى كالتىسىي كەم بولۇش ھەقىقەتەن پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەمما ياشانغانلارنىڭ پۇتىنىڭ پېيى تارتىشپ قېلىشنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولىدۇ ، خېلى كۆپ قىسمىنىڭ پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشى پۇت قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .

ياشانغانلارنىڭ پۇتى ئاغرىپ ، پېيى تارتىشىپ قېلىشى سوققاق تومۇر قېتىشىش ، پۇت قىسمىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش بىلەن مۇناسىۋتلىك . سوققاق تومۇر قېتىشقاندىن كېيىن ، پۇت قىسمىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىپ ، قان ئايلىنىشى راۋان بولماي ، مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى يىغىلىپ ، مەلۇم قويۇقلۇققا يەتكەندە مۇسكۇللارنى غىدىقلاپ ، تارتىشىپ قېلىشتىن پەي تارتىشىش كېلىپ چىقىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن ياشانغانلار كۈندۈزى پائالىيەت قىلغاندا ئارىلاپ ئاقساپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . سوققاق تومۇر قېتىشىش ۋە قان تومۇرلار توسۇلۇشنىڭ ئېغىرلىشىشغا ئەگىشىپ ، پەي تارتىشىپ قېلىش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ . ھەر قېتىملىق داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزىرايدۇ .

ياشانغانلاردا كالتىسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئاجىزلاش ياكى كالتىسىي ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ، كالتىسي تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم . ئەمما سوققاق تومۇر بوتقىسىمان قېتىشىش سەۋەبىدىن قان ئايلىنىشى ياخشى بولماي ، پەي تارتىشىپ قالسا ، بۇنىڭغا كالتىسي تولۇقلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ . چوقۇم دورا ئارقىلىق سوققاق تومۇر قېتىشىشنى داۋالاپ ، قان ئايلىنشنى ياخشىلغاندىلا ، ئاندىن ئۈنۈملۈك كالتىسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ . ئەگەر پات-پات پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىش ، پۇت ، قوللىرى مۇزلاش ، ئارىلاپ ئاقساپ مېڭىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا مۇنتزم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك .

‹‹ شىنجاڭ پەن–تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-02-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-03 / 06:26:33

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ