ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇلۇش – ئۆسۈپ يېتىلىش – بالاغەتكە يېتىش – قېرىش – ئۆلۈش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ .
70 ~ 65 ياشقا بارغاندا ئادەملەر قېرىلىق باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ – دە ، ئالدى بىلەن كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ . ئاندىن بەدەن ھەر تەرەپلىمە قېرىشقا باشلايدۇ . « ئىنسانلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمى 15 يىلدىن كېيىن ، پۇراش سېزىمى 22 يىلدىن كېيىن ، تەم سېزىمى 29 يىلدىن كېيىن ئىقتىدارىنىڭ يېرىمى ئاجىزلىشىپ بولىدىكەن » . ئەقلىي ئىقتىدار ۋە روھىي جەھەتتىمۇ قېرىپ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ، سەزگۈرلۈكى ، ئاكتىپچانلىقى قاتارلىقلار ئاجىزلايدۇ . بىز ئادەتتە ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنى ئاساس قىلغان كېسەللىك ھالىتىنى « قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىك » دەپ ئاتايمىز .
ئالامىتى : تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ ، تەدرىجىي يامانلىشىدۇ .
1) ئەستە تۇتۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش : قىلغان ئىشنى ، يېگەن تامىقىنى ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر – بىرلەپ تەدرىجىي ئۇنتۇشقا باشلايدۇ . بۇ ئەھۋال كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ بارىدۇ .
2) تۇنۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش : چېسلا ، ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ چىراي – شەكلى ، تۇرۇۋاتقان ئورنى قاتارلىقلارنى بىلەلمەيدۇ . سىرتلارغا چىققاندا دائىم ئېزىپ قېلىپ ، ئۆيىنى تاپالمايدۇ .
3) مىجەزى ئۆزگىرىش : سەزگۈسى ئاستىلايدۇ ، ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ ، چوڭ – كىچىك تەرىتىنى باشقۇرالمايدۇ . ئەخلاقىي كۆز قارىشى يوقىلىدۇ .
4) روھىي ھالىتىدىكى ئۆزگىرىش : خامۇشلىشىدۇ ، تېرىكىدۇ ، ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى تەرەققىي قىلىپ ، خىيالىي بەربات بولۇش ، خىيالىغا كەلگەننى سۆزلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئەگەر داۋاملىق تەرەققىي قىلسا ، تىل توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ۋە مىجەزى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
سەۋەبى : چوڭ مېڭە يىگىلەشتىن كېلىپ چىقىدۇ .
مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى يىگلەش ، ئالجېئرمىس ھۈجەيرە ئاساس تالالىرى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ . مېڭە يىگلەشنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس . ئاياللاردا پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەرلەرگە قارىغاندا يۇقىرى . مەزكۇر كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى ئادەمنىڭ مىجەزى ، ئىرسىيەت ئامىلى ، مۇھىت قاتارلىقلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن .
داۋالاش : فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن قېرىشنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ .
مەزكۇر كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس . روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە ياشانغانلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ ، بالدۇر دىئاگنوز قويغۇزۇپ ، بالدۇر داۋالاتقاندا كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ .
قېرىلىقتىن بۇرۇن كۆرۈلىدىغان دېۋەڭلىك
1. بالدۇر قېرىشتىن بولغان دېۋەڭلىك : 60 ~40 ياشلاردىكى كىشىلەردە قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى تېز تەرەققىي قىلىدۇ . مەزكۇر كېسەلنىڭ ئالجېئرمىس كېسىلى ۋە مېڭە بۆلىكى يىگلەشتىن ئىبارەت ئىككى تىپى بار .
2. مېڭە قان تومۇر مەنبەلىك دېۋەڭلىك : يۇقىرى قان بېسىم ۋە مېڭە كەپلەشمىسى تۈپەيلىدىن خۇشاللىنىش ۋە غەزەبلىنىش ھالىتىدە چەكتىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . ئۆز ھېسياتىنى تىزگىنلىيەلمەسلىك مەزكۇر كېسەلنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر .
3. مېڭە ئۆسمىسى : ئۆسمىنىڭ ئالاھىدە ئورۇندا ئۆسۈشى سەۋەبىدىن دېۋەڭلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
4. قالقانسىمانبەزخىزمىتى تۆۋەنلەش : ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا سوزۇلما قالقانسىمانبەز ياللۇغى قوزغالغاندا ماغدۇرسىزلىنىش ، چارچاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .
5. ئۆمۈچۈك تورىسىمان پەردە ئاستى قاناش : ئالامەتلەر ئېغىرلاش تۈپەيلىدىن مېڭە – يۇلۇن سۇيۇقلۇقى ، مېڭە قېرىنچىسىدا يىغىلىپ قېلىپ ، مېڭە بېسىمى نورمال بولغان مېڭىگە سۇ يىغىلىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ – دە ، نەتىجىدە دېۋەڭلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . دەسلەپكى مەزگىلدە داۋالىغاندا ساقايتقىلى بولىدۇ .