ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرجىددىي قۇتقۇزۇشياشانغانلار كۆيۈپ قالغاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى

ياشانغانلار كۆيۈپ قالغاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كۆيۈپ قالغاندا. ياشانغانلار سۇيۇقلۇقتا كۆيگەن بولسا، كىيىمنىڭ سۇيۇقلۇققا چىلاشقان قىسمىنى دەرھال كېسىۋېتىش، كىيىم تېرىگە چاپلىشىپ قالغان بولسا كۈچەپ سويماي، ئاۋۋال چاپلاشمىغان قىسمىنى كېسىۋېتىش لازىم؛

يارىنى داۋالاشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن قايچىنى يارا ئېغىزى، قاپارتقۇلارغا تەگكۈزمەسلىك، گېنتىئان ئېرىتمىسى، مېركۇرو خىروم ۋە باشقا دورا مەلھىمىنى سۈرتمەسلىك لازىم؛

يارىنى سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن پاكىز لاتا بىلەن تېڭىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

تېرە كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئىشقاردا كۆيگەن بولسا، سۈزۈك سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇۋېتىش لازىم. كۆز كۆيگەن بولسا، فىزىئولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ، پاختا پەلكۈچ بىلەن سۈرتۈپ، غەيرىي ماددىلارنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. قول – پۇت كۆيۈك يارىسىنى تاڭغاندا، بارماقلارنى ئايرىۋېتىش كېرەك. كۆيۈك يارىسى ئېغىر بولسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش لازىم.

قايناق سۇدا كۆيگەن بولسا، يارىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قايناق سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك. كۆيگەن جايدىكى كىيىم، ئاياغ، پايپاقنى كېسىۋېتىپ ياكى يىرتىۋېتىپ، سوغۇق سۇ بىلەن يارىنى يۇيۇپ ھارارەتنى پەسەيتىش لازىم. كۆيگەن يەر چوڭراق بولسا پاكىز لۆڭگە ياكى كىرلىك بىلەن يارا ئورنىنى قوغداش ھەم ئىمكانقەدەر تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم.

مەمتىمىن ھاشىم تەييارلىغان

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:20:09

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ