توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقا مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر خاسىڭ، پىچەكگۈل، چىلان، يۇمىلاق گۈرۈچ (粳米)، كالا گۆشى، توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى، يىلانبېلىق، لىجى، ئۈزۈم، گىلاس قاتارلىقلار.
بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلاشنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈرلىرى:
1. يۈرەك قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش:
يۈرەك سېلىپ دەم سىقىلىش، ئۇخلىيالماسلىق، ئاسان چۆچۈش، ماغدۇرسىزلىنىش، دېمى سىقىلىپ گەپ قىلالماسلىق، چىرايى تاتىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
2. تال ۋە ئاشقازان قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش:
چوڭ تەرەت يېرىم سۇيۇق كېلىش، ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈپ ئاغرىش، دائىم چىرايى سارغىيىش، مۇسكۇللىرى ئاجىزلاش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
3. بۆرەك قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش:
بەل ۋە غوللار تېلىپ ئاغرىش، ئەرلەرنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، نېرۋىسى چارچاش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
4. ئۆپكە قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش:
ئىپادىسى چارچاش، شامالدىن ۋە سوغۇقتىن قورقۇش، ئاسان زۇكام بولۇش، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش، ھەرىكەت قىلغاندا دېمى سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17851564.shtml