توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىمارلىرىدا ئادەتتە ئاسانلا بۆرەك مەنبەلىك قان ئازلىق كۆرىلىدۇ، مۇھىمى قان ئازلىقنى قانداق تۈزىتىش كېرەك؟
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا قان ئازلىق كۆرۈلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك:
1. بۆرەكتە پەيدا بولغان قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننىڭ يېتىشمەسلىكى، بۇ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردىكى قان ئازلىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، بىمار قايتا گۇرۇپپىلانغان ئادەم قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننى تولۇقلاش ئارقىلىق بۆرەك مەنبەلىك قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.
2. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قېنىدا ھەر خىل توكسىنلار بولغاچقا، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ.
3. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى، ھەر خىل توكسىنلار يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ.
4. قان تازىلايدىغان بىمارلارنىڭ قېنى ھەر قېتىمدا بىر قىسىم قاننى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇنداقلا بىمارنىڭ بۆرەك مەنبەلىك قان ئازلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
5. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئادەتتە ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ئەگەر يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلغان تۆمۈر، ۋىتامىن B12، فولىك كىسلاتاسى قاتارلىق قان ئىشلەپچىقىرىدىغان ماددىلار يېتەرلىك بولمىسا، قان ئازلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17880958.shtml