بۆرەك
kidney
肾
böbrek
نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ساغلام كىشىلەردا ئوڭدا ۋە سولدا بىر تالدىن، جەمئىي ئىككى بۆرىكى بولىدۇ. بۆرەكنىڭ شەكلى يېشىل پۇرچاققا ئوخشاپ قالىدۇ. قورساق بوشلۇقىنىڭ كەينىگە، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ۋە قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئاستىغىراق جايلاشقان. جىگەر بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئوڭ بۆرەك سول بۆرەككە قارىغاندا 1-2 سانتىمېتىر پەستىراق بولىدۇ.