قورساق قىسمىنىڭ توققۇز رايون ۋە تۆت چارەك بولۇشى قورساقنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئورنى ۋە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەسۋىرلەش ئۈچۈندۇر.
قورساقنى 9 رايونغا ئايرىش ئۇسۇلى:
1. قورساق يۇقىرى رايونى / ئۈستۈنكى قورساق رايونى:
epigastric region
上腹区
تۆش سۆڭىكىنىڭ ئاستى قىسمى، ئىككى يان قوۋۇرغا يايىنىڭ ئاستى گىرۋىكى ۋە كىندىك ئۈستى قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىقى جىگەر، ئۆت، ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. كىندىك رايونى / ئوتتۇرا قورساق رايونى:
umbilical region
脐区
كىندىك ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، كىندىكنىڭ ئاستى – ئۈستى، ئوڭ – سول تەرىپىدىكى تۆت سانتىمېتىر رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىقى ئىنچىكە ئۈچەي، ئۆرلىگۈچى بوغماق ئۈچەي، توغرا بوغماق ئۈچەي، تۆۋەنلىگۈچى بوغماق ئۈچەي، S سىمان بوغماق ئۈچەي قاتارلىق ئۈچەي ۋە تال قاتارلىق ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
3. قورساق ئاستى رايونى / تۆۋەنكى قورساق رايونى:
(كىندىك ئاستى رايونى، دوۋسۇن سۆڭەك ئۈستى رايون)
hypogastric region
腹下区
كىندىك ئەتراپىدىن دوۋسۇن سۆڭەك تۇتاشمىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگىچە بولغان رايونغا جايلاشقان. ئاساسلىقى يانپاش ئۈچەي، تۈز ئۈچەي، دوۋساق، بالىياتقۇ ( ئاياللار )، مەزى بېزى ( ئەرلەر ) قاتارلىق ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. سول بېقىن رايونى / سول تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق رايونى:
left hypochondriac region
左胁区
قورساق يۇقىرى رايونىنىڭ سول تەرىپىدىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ.
5. سول بەل رايونى / سول ئوتتۇرا قورساق رايونى:
left lumbar region
左腰部区
ئوتتۇرا قورساق رايونىنىڭ سول ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.
6. سول يانپاش رايونى / سول تۆۋەنكى قورساق رايونى:
left iliac region
左髂区
ئوتتۇرا قورساق رايونىنىڭ سول تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان.
7. ئوڭ بېقىن رايونى / ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق رايونى:
Right hypochondriac region
右胁区
ئوتتۇرا قورساق رايونىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان.
8. ئوڭ بەل رايونى / ئوڭ ئوتتۇرا قورساق رايونى:
right lumber region
右腰部区
ئوتتۇرا قورساق رايونىنىڭ ئوڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.
9. ئوڭ يانپاش رايونى / ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قورساق رايونى:
right iliac region
右髂区
ئوتتۇرا قورساق رايونىنىڭ ئوڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان.
قورساقنى 4 چارەككە ئايرىش ئۇسۇلى:
1. سول يۇقىرى چارەك:
left upper quandrant (LUQ)
左上象限 (LUQ)
سول يۇقىرى قورساق رايونى ۋە سول ئوتتۇرا قورساق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قورساقنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، سول قوۋۇرغا يايىنىڭ تۆۋەنكى گىرۋىكى بىلەن سول يانپاش ئالدى يۇقىرىقى بىسى ئارىسىدىكى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىقى تال، ئاشقازان ئاستى، سول بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. سول تۆۋەنكى چارەك:
left lower quandrant (LLQ)
左下象限 (LLQ)
سول تۆۋەنكى قورساق رايونى ۋە سول ئوتتۇرا قورساق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قورساقنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، سول قوۋۇرغا يايىنىڭ تۆۋەنكى گىرۋىكى بىلەن سول يانپاش ئالدى يۇقىرىقى بىسى ئارىسىدىكى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىقى بوغماق ئۈچەي تال ئەگمىسى، تۆۋەنلىگۈچى بوغماق ئۈچەي، S سىمان بوغماق ئۈچەي قاتارلىق ئۈچەي يولى ۋە سول تەرەپتىكى تۇخۇمدان ( ئاياللار ) قاتارلىق ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. ئوڭ يۇقىرى چارەك:
right upper quandrant (RUQ)
右上象限 (RUQ)
ئوڭ يۇقىرى قورساق رايونى ۋە ئوڭ ئوتتۇرا قورساق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوڭ تەرەپ قورساق قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوڭ قوۋۇرغا يايىنىڭ تۆۋەنكى گىرۋىكى بىلەن ئوڭ يانپاش ئالدى يۇقىرىقى بىسى ئارىسىدىكى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىقى جىگەر، ئۆت خالتىسى، ئوڭ بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى چارەك:
right lower quandrant (RLQ)
右下象限 (RLQ)
ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قورساق رايونى ۋە ئوڭ تەرەپ ئوتتۇرا قورساق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. وڭ تەرەپ قورساق قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوڭ قوۋۇرغا يايىنىڭ تۆۋەنكى گىرۋىكى بىلەن ئوڭ يانپاش ئالدى يۇقىرىقى بىسى ئارىسىدىكى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىقى يانپاش ئۈچەي، سوقۇر ئۈچەي، ئۆرلىگۈچى بوغماق ئۈچەي، توغرا بوغماق ئۈچەي قاتارلىق ئۈچەي يوللىرى ۋە ئوڭ تەرەپتىكى تۇخۇمدان ( ئاياللار ) قاتارلىق ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ خىل رايونلارغا ئايرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، دوختۇر قورساق قىسمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قۇرۇلما ئورنى ۋە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ توغرا تەسۋىرلەپ، قورساق قىسمىدىكى كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.