توۋتياۋ تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى
سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك، ئادەتتە بۆرەك، سۈيدۈك نەيچىسى، دوۋساق ياكى سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولىدۇ، ئەرلەردە ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ.
سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسدا تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئىپادىلىرى:
1. ئاغرىش: بۆرەك، سۈيدۈك نەيچىسى ۋە سۈيدۈك يولى يوشۇرۇن ئاغرىش، چىڭقىلىپ، تېلىپ، مۇجۇپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئاغرىقلار ئارىلاپ داۋاملىشىپ ياكى تۇتقاقلىق خاراكتىرلىك پەيدا بولىدۇ.
2. قان ئارىلاش سىيىش: سۈيدۈكتىكى قاننى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ.
3. سىيىش نورمالسىزلىقى: پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش.
4. سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش: قىزىش، سۈيدۈك يولى غىدىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
دوختۇرنىڭ تەكلىپى:
1. ئاغرىق قوزغالغاندا كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، لېكىن سۈيدۈك يولى توقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاغرىغان ئورۇننى باسماسلىق كېرەك.
2. ئاغرىغان تەرەپتىكى بىر پۇتتا سەكرەش، ئاغرىق پەسەيگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
3. يۇقىرى قىزىتما، تومۇر سوقۇشى زىيادە تېز بولۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
4. سۇنى كۆپ ئىچىش، ھەر كۈنى 2000-3000 مىللىلىتىر سۇ ئىچىش كېرەك.
5. لامنارىيە، قىزىلچا، كالا سۈتى، كەرەپشە قاتارلىق ۋىتامىن A تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.
6. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن: يۈگۈرۈش، ئارغامچا سەكرەش قاتارلىقلار.
7. شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىپ، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17857735.shtml