ئانا سەھىپەساغلاملىقھاراق-تاماكاتاماكا چېكىپ بېسىم يېنىكلىتىش سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟

تاماكا چېكىپ بېسىم يېنىكلىتىش سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟

خۇدوڭ قامۇسى سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاماكا چېكىش بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئىزچىل سالامەتلىككە زىيانلىق. مۇبادا تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالسا تاشلاش ناھايىتى تەس. ئەمما يېقىندا توردا تاماكا چېكىپ بېسىم يېنىكلىتىش سالامەتلىككە پايدىلىق دېگەندەك قاراشلار پەيدا بولۇپ قالدى. تۇمان قاپلاپ تۇرغان مۇھىتتا ياشاۋاتقان ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن. زادى بۇ قاراشنىڭ نېمە ئاساسى بار؟

تاماكا چېكىپ بېسىم يېنىكلىتىش سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟

تاماكا چەكسە بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ دېگەن قاراش نەدىن كەلگەن؟

ئامېرىكا تېكساس يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، تاماكادىكى نىكوتىن چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش، قېرىلار دېۋەڭلىك كېسىلى، پاركىنسون كېسىلى قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىسى بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ تەتقىقات توكسولوگىيەگە ئائىت ژۇرنال {Open Access of Toxicology}دا ئېلان قىلىنغان.

تاماكىدا زور مىقداردا نىكوتىن بار، چوڭ مېڭىنىڭ {دوپامىن} ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ مېڭىدە ھوزۇر تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل قاراش تاماكا چېكىش قىلمىشىنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما تاماكا چېكىش راستىنلا بېسىمنى يېنىكلىتەمدۇ؟ ياكى زىيىنى پايدىسىدىن كۆپمۇ؟ ئۆزىڭىز ئويلىشىپ باقسىڭىز ئاندىن توغرا بولىدۇ.

 

تاماكىدىكى ئاساسلىق ماددىلار قايسىلار؟

تاماكا ئىسىدا ئاز دېگەندە ئۈچ خىل خەتەرلىك خىمىيىۋى ماددا: كوكس مېيى، نىكوتىن ۋە كاربون چالا ئوكسىد بار. كوكس مېيى نەچچە خىل ماددىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۆپكىدە ئۇيۇشۇپ يېپىشقاق ماددىغا ئايلىنىدۇ. نىكوتىن ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان دورا. ئۆپكە سۈمۈرۈۋېلىپ، ئاساسلىقى نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كاربون چالا ئوكسىد قىزىل قان شارچىسىنىڭ ئوكسىگېننى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

 

دائىم تاماكا چەككۈچىلەر قايسى ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ تولۇقلىشى كېرەك؟

1. ۋىتامىنلارنى كۆپ تولۇقلاش كېرەك. تاماكا ئىسىدىكى بەزى بىرىكمىلەر ۋىتامىنلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەندىكى ۋىتامىنلارنى زور دەرىجىدە خورىتىپ تاشلايدۇ.

2. دائىم چاي ئىچىش كېرەك. تاماكا ئىسىدىكى بىرىكمىلەر ۋېنا تومۇرنىڭ ئىچكى پەردىسىنى قېلىنلاشتۇرۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ ھەمدە قان قەنتى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، چاي يوپۇرمىقىدىكى ماددىلار خولېسترولنىڭ قان تومۇر دىۋارىدا چۆكمىلىشىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

3. دائىم تاماكا چېكىش قاندىكى سېلېن ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سېلېن بولسا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئېلېمېنت. شۇڭا، تاماكا چەككۈچىلەر سېلېن مىقدارى مول بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك، مەسىلەن ھايۋانات جىگىرى، دېڭىز يۈسۈنى ھەمدە راك قاتارلىقلار.

4. تاماكا چەككۈچىلەر تۆمۈر تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.

5. تاماكا چېكىش قان تومۇردىكى خولېتسرول ھەمدە ياغنىڭ چۆكمىلىشىشىنى كۆپەيتىدۇ، چوڭ مېڭىگە قان تەمىنلەش ئازىيىدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىلىشىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا، تاماكا چەككۈچىلەر تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى مول سېمىز گۆش قاتارلىقلارنى ئاز يېيىشى، خولېتسرولنى تۆۋەنلىتىدىغان ياكى تىزگىنلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك.

6. ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قاتتىق پوستلىق مېۋىلەر ۋە يىرىك ئاشلىق قاتارلىق ۋىتامىن E مول يېمەكلىكلەر تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تەخمىنەن %20 تۆۋەنلىتىدىكەن.

7. تاماكا چەككۈچىلەرگە β-كاروتىن تېخىمۇ پايدىلىق، β-كاروتىن مول ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر تاماكا خۇمارىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، تاماكا چېكىش مىقدارىنى ئازايتىش ۋە تاماكا تاشلاشقا بەلگىلىك رولى بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/4375769.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ