ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇققان تومۇرلارغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

قان تومۇرلارغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قان تومۇر قېرىسا ئادەممۇ قېرىيدۇ، ئادەم دەرەخكە ئوخشىسا، قان تومۇر دەرەخنىڭ يىلتىزىغا ئوخشايدۇ، قان تومۇر ياش تۇرسا ئادەمنىڭ ھاياتىي كۈچى مەڭگۈ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ

بېسىمنى كونترول قىلىپ، ياغنى تەڭشەيدىغان يېمەكلىكلەر

يېمەكلىك تالالىرى، بولۇپمۇ سۇدا ئېرىيدىغان يېمەكلىك تالالىرى قان پلازمىسىدىكى خولېستېرىننى پارچىلايدۇ، يەنە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشقا داۋا بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ساغلام ئادەم كۈندە 25 گرام يېمەكلىك تالاسى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، لەيلىگۈل، كۆك پۇرچاق، سېرىق ئاپېلسىن، ئالما ۋە نەشپۈت قاتارلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلاردا؛ سېرىق ۋە كۆك پۇرچاق، يېسسى پۇرچاق كانىماشلاردا؛ سۇلۇ، ئارپا،بۇغداي ھەمدە ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق، يەر ياڭىقىدا يېمەكلىك تالاسى مول.

قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

فوسفورلۇق ياغ خولېستېرىننى مۇۋاپىق يۆتكەپ، ئۇنىڭ قان تومۇرىغا تېنىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم ئادەتتە كۈندە 6-8 گرام فوسفورلۇق ياغ قوبۇل قىلسا، ئەگەر داۋالاش ئېھتىياجى بولسا 15-25 گرام قوبۇل قىلسىمۇ بولىدۇ. فوسفورلۇق ياغ تۇخۇم سېرىقى، دادۇر، قارا گۆش، ھايۋاننىڭ ئىچكى ئەزالىرى، زىغىر ئۇرۇقى ۋە كۈنجۈتدە ئىنتايىن مول.

ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەر

ۋىتامىن C ئىنتايىن كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىب. ئۇ ھەر خىل ئەركىن رادىكال ۋە ئاكتىپ ئوكسىگېننى تازىلاپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشقا ئوخشاش يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كەترەن، چېچەكگۈل، يېسىۋېلەك، دولانا، چىلان ۋە مايمۇن شاپتۇلىدا ۋىتامىن C مول،7-8 تال چىلان بەدەن بىر كۈنلۈك مۇھتاج بولغان ۋىتامىننى تولۇقلاپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

كالىي مول يېمەكلىكلەر

كالىي ناترىي مەنبەلىك يۇقىرى قان بېسىمغا پايدا قىلىدۇ، يەنە قان تومۇرنى كېڭەيتىپ، قان تومۇر توسۇلۇش خەۋپىنى ئاجىزلىتىدۇ، سۈيدۈكتىكى ناترىينى پارچىلاپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاجىزلىتىدۇ؛ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن كۈندە 3500 مىللىگرام كالىي قوبۇل قىلسىلا بولىدۇ.يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتات، تاتلىق بەرەڭگە، مېۋە ۋە پۇرچاقتا كالىي ئىنتايىن مول

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:42:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ