تىل ئاغرىقىغا شىپالىق رىتسىپ
1.ئىسپىغۇل ۋە بېھى ئۇرۇقىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، كۈندا ئۈچ قېتىم ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. كۆك يۇمغاقسۈتنىڭ سۈيىدە ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. سېمىز ئوت ئۇرۇقىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئېغىزنى غەر-غەر قىلىپ بەرسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. ئىتئۈزۈمىنى ئېزىپ تىلغا سۈركەپ بولسىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. تاۋۇز سۈيى ياكى تەرخەمەك سۈيى بىلەن ئېغىزنى غەر-غەر قىلىپ بەرسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. بادام يېغىنى تىلغا سۈركەپ بەرسىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. توخۇ يېغىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تىلغا سۈركەپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
8. ئىسسىق سۇغا سۈت ياكى شېكەرنى قوشۇپ ئېغىزنى كۈندە غەر- غەر قىلىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
9. ئېغىزنى كۈندە سىركە بىلەن گۈل يېغىدا غەر-غەر قىلىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.