روھىي كېسەللىكلەرگە رىتسىپلار

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

روھىي كېسەللىكلەرگە رىتسىپلار

تەشۋىشلىنىش كېسەللىكى
تەركىبى:كالا سۈتى،تۇخۇم،شېكەرياكى ھەسەل مۇۋاپىق مىقتاردا.
ياساش ئۇسۇلى:يۇقىرىقىلارنى قوشۇپ چاي تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:نىرۋا ئاجىزلىق ۋە تەشۋىشلىنىش كېسەللىكىگە شىپا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا دائىم ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

قورقۇنچاقلىق كېسەللىكى
تەركىبى:بادام مىغىزى100گىرام،پىندۇق مېغىزى 50گىرام،ناۋات 300گىرام.
ياساش ئۇسۇلى:بادام مېغىزىنى قايناق سۇغا بەش مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ ،سىرتقى پوستىنى پاكىز ئېلۋىتىپ قۇرۇتۇپ،پىندۇق مېغىزى ۋە ناۋات بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سوقۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:مېڭىنى كۈچلەندۈرۈپ قورقۇنچاقلىق كېسەللىكىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە 1-2ۋاخ ،مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

خامۇشلۇق كېسەللىكى
تەركىبى:سۈت 20گىرام،ھەسەل 10گىرام،بادام 10گىرام.
ياساش ئۇسۇلى:بادام مېغىزىنى پاكىزلەپ سوقۇپ،سۈت ۋە ھەسەل بىلەن ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:خامۇشلۇققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە بىر قىتىم،بىراقلا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
تەركىۋى:ئات يۈرىكى 100گىرام،زىغىر مېيى 20گىرام.
ياساش ئۇسۇلى:ئاتنىڭ يۈرىكىنى زىغىر مېيىدا قورۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:خامۇشلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ،نىرۋا خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ئىھتىياجىغا قاراپ تەييارلاپ بىراقلا ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

گۇمانخورلۇق كېسەللىكى
تەركىۋى:ئۆچكە سۈتى مۇۋاپىق مىقتاردا.
ياساش ئۇسۇلى:ساغلام ئۆچكىدىن سېغىپ ئېلىندۇ.
شىپالىق رولى:نىرۋا خىزمىتىنى ياخشىلاپ،گۇمانخورلۇق كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :ئۇسسۇزلۇققا ئىچىپ بېرىلسە بولىدۇ.

جىنسى غەيرى ھالەت
تەركىبى:ئۆرۈك قېقى100گىرام،شېكەر 300 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى:ئۆرۈك قېقىنى مۇۋاپىق مىقتاردىكى سۇدا قاينىتىپ ،يۇمشاتقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئىلىۋالىمىز.سۈيىگە شېكەرنى قوشۇپ قاينىتىپ،سۇيۇقراق قىيام بولغاندا ئۆرۈك قېقىنى سىلىپ،سۇس ئوتتا 10مىنۇت قاينىتىپ مۇراببا تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ،ۋەسۋەسىنى يوقىتىدۇ،روھى ئامىللاردىن بولغان جىنسى ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۈندە ئۈچ ۋاخ،ھەر قىتىمدا 1-2قوشۇقتىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

ئەقلىي ئاجىزلىق(دۆتلۈك)
تەركىبى:گۈرۈچ بىر كىلوگىرام،سۈت بىر يىرىم كىلوگىرام،ئاق شېكەر مۇۋاپىق مىقتاردا.
ياساش ئۇسۇلى:گۈرۈچنى يۇيۇپ تازلاپ،قازانغا سىلىپ قاينىتىپ،پىشقاندىن كىيىن سۈتنىڭ گۈرۈچكە سىڭىش ئەھۋالىغا قاراپ،بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ سۈت قۇيۇلىدۇ.ئاش داۋاملىق ئارلاشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ.گۈرۈچ سۈتنى پۈتۈنلەي سىڭدۈرۈپ بولغاندىن كىيىن،ئازراق دەم يىگۈزۈپ تەييارلىندۇ.
شىپالىق رولى:نېرۋا ئاجىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:ھەر كۈنى ئەتىگەندە ناشتىلىققا ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:46:31

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ