ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاقلاردىكى ئاي-ئاي ئۆزگىرىشلەرتوققۇز 9 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

توققۇز 9 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مانا ئەمدى بوۋىقىمىز 9 ئايغا قەدەم قويۇشقا باشلىدى، قېنى ئەمىسە مەن بىلەن بىللە 9 ئايلىق بوۋاقلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى، نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز لازىملىقىنى، دوختۇرلار نىمە تەۋسىيەلەرنى بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

9 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

باش ئايلانمىسى: 42.6 – 47.4  سانتىمېتىر

بوي ئۇزۇنلۇقى:  67.7 – 76.2  سانتىمېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى:  7200 – 10900  گىرام

 

9 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەندىكى ئۆزگىرىشلىرى

9 ئايلىق بوۋاق سەل قاتتىقراق تاماقلارغا ئۆتۈشكە باشلايدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئانا سۈتىنى ۋە سۇيۇق تاماقلارنى داۋام قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئايدىكى بوۋاقلار كۈندە توپلام 14 سائەت ئەتراپىدا، كېچىسى 12 سائەت ئەتراپىدا، كۈندۈزى 2-3 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ.

بىر نۇقتىغا، نىشانغا مەقسەتلىك ئۆمىلەپ بارالايدۇ. ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە ئاسانلا ئۆرۈلەلەيدۇ. تېخىمۇ ئۇزاقتىكى ئاۋاز ۋە چوڭراق جىسىمنى تونۇيالايدۇ. باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ئويۇنچۇقلىرىغا بېرىپ تۇتۇپ ئوينىيالايدۇ. خوشاللىق، قورقۇش، بىئارام بولۇشلارنى چىراي ئىپادىسى يەنى كۈلۈش، يىغلاش، ۋاقىراش، يۈزىنى پۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدۇ. بەزى بوۋاقلار بىر نەرسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بېقىشقا تىرىشىدۇ. توپنى ئۇنىڭغا ئاتسىڭىز، ئۇ تۇتۇپ سىزگە قارشى ئاتالايدۇ.

 

9 ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:

  1. بۇ ئايدا ۋاكسىنىسى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ باش ئايلانمىسى، ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ خاتىرە قالدۇرۇڭ.
  2. بۇ ئايدا بوۋاقنى بالىلار بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىپ قان تەكشۈرۈپ ، قاندىكى تۆمۈر، سېنىك، د ۋىتامىنى، ب12 ۋىتامىنلىرى، قان ئازلىق ئەھۋالى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
  3. بوۋاقنىڭ مول رەڭگارەڭ ئوزۇقلىنىشى، يىتەرلىك سۇ ۋە سۈت تولۇقلىشى، كىچە ۋە چۈشلۈك ئۇيقۇسىنىڭ تولۇق ھەم راھەت بولۇشىغا كاپالەت بېرىڭ.
  4. بوۋاقنى كۆپرەك ئوينىتىپ بېرىڭ، قۇچاقلاپ بېرىڭ، ھەرىكەت قىلدۇرۇپ بېرىڭ. بوۋاق خوشال بولۇپ تۇرسا، بەدىنى ياخشى سالامەت چوڭ بولىدۇ.
  5. باشقا بوۋاقلىرى بار ئائىلىلەر بىلەن باردى كەلدى قىلىپ، بوۋىقىڭىزنىڭ باشقا بوۋاقلار بىلەن سوتسىيال مۇناسىۋىتىنى باشلىتىڭ. بوۋاق بالىلار ھەردائىم ئۆزى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياشتىكىلەرگە دىققىتىنى بېرىدۇ
  6. بوۋاقلارنىڭ ئالدىدا ئامال بار ۋاقىرىماڭ، باشقىلارغا ئاچچىقلانماڭ. چۈنكى سىزنىڭ بۇ پاسسىپ پوزىتسىيىڭىز بوۋاقنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ، ئىچ مىجەز قىلىپ قويىدۇ ۋەياكى ئەتراپقا ھۇجۇم قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
  7. ۋىتامىنلىرىنى داۋاملىق تولۇقلاپ بېرىڭ. ئاپتاپقا سۇنۇپ بېرىشىغا دىققەت قىلىڭ.
  8. ئۆيدە بوۋاققا ماس كېلىدىغان قىزىتما ئۆلچىگۈچ، قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى، پروبىئوتىك، زۇكام دورىسى.. قاتارلىقلار زاپاس تۇرسۇن.
  9. 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ. ئالدىنقى ئايلاردىمۇ ناھايىتى كۆپ پايدىلىق تەۋسىيىلەرنى ھەمبەھىرلەندۇق. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-04-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-04-24 / 08:50:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ