2. كۆپ رىغبەتلەندۈرۈش، ئاز تەنقىدلەش ياراملىق پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ ئاساسى.
3. ھەقىقىي بىلىم يۈزەكى ھېس ھاياجاندىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ.
4. ساپالىق ئوقۇتقۇچى ياراملىق پەرزەنتنىڭ ئۇل سالغۇچىسىدۇر.
5. پەرزەنت تەربىيەسىدە ئىشرەت كوچىسىغا يولىماسلىق، شۇ كىشىنىڭ دۇنيانى ھەقىقىي چۈشەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
6. پەيتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن تەربىيە، سايغا مايسا كۆچۈرگەندەك ئۈنۈمسىزدۇر.
7. بالىڭىزنىڭ جېدىلىنىڭ كۆپلىكىدىن ئاغرىنماڭ، بەلكىم بۇ ئىللەت كەلگۈسىدىكى خىسلەت بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
8. بالا تەربىيەسىدە قاتتىق ۋاستىلەرنىمۇ قوللىنىپ قويۇڭ، بەلكىم بۈگۈنكى تەربىيە تايىقى، كەلگۈسىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىشتىكى ھاسا تاياق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
9. تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى تېتىپ باقمىغان پەرزەنت مەڭگۈ ھەقىقىي بەخىتنىڭ تەمىنى تېتىيالمايدۇ.
10. تەربىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى پەرزەنتكە مۇستەقىل، بىخەتەر ھالدا ھايات يولىدا داغدام مېڭىشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت.