ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ ئىشقا بېرىش كەچۈرمىشى بار، نۇرغۇن كىشىلەردە مۇنداق تەسىرات بار: بەزى خىزمەتداشلىرى بۇ بالىلارنى بەك ئوماقكەن دەپ توختىماي ئەركىلىتىپ ئۇ بالىدىن خۇشاللىق تاپىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلارنى توختىماي خىزمەت قىلىدىغان يېرىگە بىللە ئېلىپ بېرىش ئۇنچە ياخشى ئىش ئەمەس، بۇنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس. بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 4 ياشتىن ئاشقان بالىسىنى ئېلىپ ئىدارىگە بارغاندىن كېيىن، بالىسى نۇرغۇن «چوڭلارنىڭ گېپى»نى ئۆگىنىۋالغان، مەسىلەن، «سىرتتىكىلەرنى بىلەن ئۇچرىشىش»، «تولغان ساغرىسى بار»، «پاچىقى گۈزەل» دېگەندەك، ھەتتا يەنە بەزى «سەت گەپلەر» ۋە «تېتىقسىز چاقچاقلار»نى ئۆگىنىۋالغان، بۇ قانداقلا بولمىسۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەنسىرىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇلاردىن باشقا بەزى ئاتا-ئانىلار بەزىبىر ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئېلانلىرىدا بالىلارغا پايدا قىلىدىغان، ئۇلارنى تېتىك قىلىدىغان دورىلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ قالسا ئۇنداقتا ئاتا-ئانا بولغۇچى سېتىۋېلىپ بالىغا بېرىدۇ، بىراق بالىلار ئوزۇقشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، بالىلارغا قارىغۇلارچە قۇۋۋەت تولۇقلاش، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش بالىلارنىڭ قېنىدىكى ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، يەنە بالىلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي يەنە جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
بالىلار بەزىدە چوڭلار بىلەن بىللە تېلېۋىزور كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزى بولمىغۇر كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولغاندا قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. دۆلىتىمىز تېبابىتىدە جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش مەخسۇس بۆلۈمى مۇشۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان ئىككى كىچىك «چوڭ ئادەم»نى كۈتۈۋالغان، كىلىنىكىلىق دىياگنوز نەتىجىسى ئىككى ئاتا-ئانىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان، يەنى چوڭلار بىلەن بىللە كۆرگەن تېلېۋىزور بالىلارنى زەھەرلىگەن. ئەسلىدە بۇ ئىككى بالا تېلېۋىزور مەستانىسى بولۇپ، دائىم ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرىدىكەن.
بىر ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىدا يەنە جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلگەن بالىلارنىڭ ھەر يىلى ٪30لىك سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقى، بۇ مەخسۇس بۆلۈمدە ھەر كۈنى داۋالىنىدىغان 100گە يېقىن جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلگەن بالىلارنىڭ ٪30نىڭ چوڭلار بىلەن تېلېۋېزور كۆرۈشى ئارقىلىق پەيدا بولغانلىقى ئىسپاتلانغان.
ۆلىتىمىز تېبابىتىدە جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش مەخسۇس بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشىگە يول قويىدىكەن، بۇ زىيادە سېمىزلىك ۋە جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەمما كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار تېلېۋىزور كۆرۈش بالىلارنىڭ جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن قائىدىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىكەن.
ئەڭ يېڭى كىلىنكىلىق تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بالىلار چوڭلار كۆرەەن تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرگەندە بىرەر جىنسىي مەزمۇننى قوبۇل قىلغاندا، چوڭ مېڭە نېرۋىسىدا بىر خىل جىنسىي ئۇچۇر پەيدا بولۇپ، جىنسىي بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى جىنسىي غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنداقلا بالىلار بەدىنىدىكى پىگمېنت كۈچىيىپ، بالدۇر يېتىلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن. بالىلاردىكى جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، يەنە نۇرغۇن پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن، دىققىتىنى يىغالماسلىق، بىلىش ئىقتىدارى ۋە يېتىلىش سەۋىيەسى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ئارقىدا قېلىش قاتارلىقلار. مۇتەخەسىسلەر بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا بالىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشنى، بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان تېلېۋېزىيە پىروگراممىلىرىنى بىللە ئولتۇرۇپ كۆرمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/25779554.shtml