#dohtur #nurdohtur #نۇردوختۇر
تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈش قىلغىلى بولامدۇ؟
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار، ئاز تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپىڭىزدىكى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساغلىقنى ساقلاش مەركىزى (يەنى ساغلىق ئوجاغىنى) نى چۈشىنىپ قويۇڭ.
00:00 باشلىنىش
00:05 تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈش قىلغىلى بولامدۇ؟
09:11 ئاياقلىشىش
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن!
ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) پۈتۈن بەدەن تەپسىلىي تەكشۈرۈش قىلالامدۇ؟
ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى بەدەن تەكشۈرۈش، باھالاش، قان تەكشۈرۈش ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئەسلىدە پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈشىنىڭ 70-80% قىلىندى دىسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۆپكە قىسىم رېنتېگىنى، يۈرەك ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش، ئې كا گې تەكشۈرۈش ۋە باھالاش … ۋە باشقا بىرقانچە تەكشۈرۈشلەر پەقەت چوڭراق دوختۇرخانىدا بولىدۇ. شۇڭا باشقا ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا تەكشۈرۈش قىلىپ، ئاندىن ئائىلە دوختۇرىڭىزنىڭ تەۋسىيىسى ئاستىدا باشقا بىرقانچە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمگە بېرىپ تەكشۈرۈشنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ. قايسى بۆلۈمگە بېرىپ نىمىلەرنى تەكشۈرۈش سىزنىڭ يېشىڭىز، كەسپىڭىز، بەدەن ئەھۋالىڭىز، ئاتا ئانىڭىزدا بولغان چوڭراق كېسەللىكلەر …. ۋە باشقا بىرقانچە نوقتىلار ئارقىلىق قارار بېرىلىدۇ.