بوۋاقلارنىڭ ئاغزى ئاغرىپ ئېمەلمىسە ،زەنجىۋىلدىن تۆت مىسقال،موزىدىن ئىككى مىسقال ،ئاقمۇچتىن بىر مىسقالنى قوشۇپ تالقانلاپ ، ئانا سۈتىدىن يېرىم قوشۇق سېغىپ ،شۇ سۈتكە يۇقىرىقى دورا تالقىنىدىن بىر چىمدىمدىن ئارىلاشتۇرۇپ ،سۈتنى ئىلمان قىلىپ ،بالىنىڭ ئاغزىغا كۈندە بىر، ئىككى قېتىم تېمىتىپ بەرسە ،ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
كاۋا ئۇرۇقى مېغىزىنى قۇرۇتۇپ تالقانلاپ ،ھەر كۈنى بىر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىشنى سەككىز كۈن داۋاملاشتۇرسا ،ئۈچەيدىكى مەددە چۈشىدۇ.
ئۈچ مىسقال قارىمۇچ،ئىككى مىسقال زەنجىۋىل ،بىر مىسقال چىلاننى چالىراق سوقۇپ ،ھەر قېتىمدا بىر مىسقالنى بىر پىيالە سۇدا قاينىتىپ ،سۈزۈلدۈرۈپ ئىچۈرۈشنى داۋام قىلسا ،بالىلارنىڭ تەرىتى ئاق ،كۆك ۋە سۇدەك كېلىشنى توختىتىدۇ.
پاقا يۇپۇرمىقىدىن بىر تۇتامنى كىچىك بىر خالتىغا سېلىپ ،سۇدا قۇيۇلىچە قاينىتىپ ،تىرىپلىرىنى ئېلىۋېلىپ ،بىر قېتىمدىلا ئىچسە ،ئۆت يولىدا ۋە باشقا ئەزالاردا پەيدا بولغان مەددىنى چۈشۈرۈشتە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .