ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقتۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق تەھلىلى

تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق تەھلىلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۇخۇم بولسا تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر مۆجىزە، بىر ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇم مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا شارائىتىدا، سىرتقى دۇنيادىن ھېچقانداق ئوزۇقلۇق ماتېرىيالىغا ئېھتىياجلىق بولماي تۇخۇم بېسىپ چۆجە چىقىرىدۇ. بۇ تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇقىنڭ مۇكەممەللىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، تۇخۇم ئوزۇقلۇق مول بولغان يېمەكلىك دەپ قارالدى. تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، تۇخۇم سېرىقى ماددىسى، ۋىتامىن ۋە تۆمۈر، كالتسىي، كالىي قاتارلىقلار ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مېنىرال ماددىلاردۇر.

تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق تەھلىلى

تۇخۇم تەركىبىدە مول بولغان AND ۋە لېتىستىن بار بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى ۋە بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ،ياشانغانلاردىكى ئەقلىي ئىقتىدارى چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەمدە ھەرخىل ياشتىكىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلايدۇ. تۇخۇم تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددا ھەمدە يۇقىرى بىئولوگىيەلىك قىممەتكە ئىگە ئاقسىل بار. ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئانا سۈتىدىن قالسا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. تۇخۇم تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن 2Bبار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى پارچىلاپ ئوكسىدلايدۇ، تۇخۇمدىكى مېنىرال ئېلېمېنتلارنىڭمۇ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ زەخمىلەنگەن جىگەر ھۈجەيرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار، تۇخۇم سېرىقىدىكى لېتىستىن جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇخۇمدا ئاساسەن ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى بار، شۇڭا، كىشىلەر تەرىپىدىن «كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق ئامبىرى » دەپ ئاتىلىپ كەلدى، ئوزۇقشۇناسلار تەرىپىدىن «تولۇق بولغان ئاقسىل مودىلى» دەپ ئاتالدى.

تۇخۇمنىڭ بەش چوڭ ساغلاملىقنى ساقلاش ئىقتىدارى

مېڭىنى قۇۋۋەتلەشتە تۇخۇم سېرىقىدىكى لېتىستىن، گېلىتسىرىن، خولېستېرىن ۋە تۇخۇم سېرىق ماددىسى نېرۋا سىستېمىسى ۋە بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن چوڭ رولى بار. لېتىستىن ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، خولىن قويۇپ بېرىدۇ، خولىن ھەرخىل ياشتىكىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلايدۇ.

جىگەرنى قوغداشتا تۇخۇمدىكى ئاقسىل زەخمىلەنگەن جىگەر توقۇلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بىلەن قوغدايدۇ. تۇخۇم سېرىقىدىكى لېتىستىن جىگەر ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە ئادەم بەدىنىدىكى قان پېلازمىسى ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئورگانىزىمنىڭ مېتابولىزىم ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئامرىكىلىق ئوزۇقشۇناسلار ۋە تىببىي خادىملار تۇخۇم ئارقىلىق ئارتىرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئۇلار تۇخۇم، ياڭاقتىن لېتىستىننى ئايرىۋىلىپ ھەر كۈنى يۈرەك قان تومۇر بىلەن ئاغرىغان بىمارلارغا 4-6 قوشۇق بەرگەن. 3 ئايدىن كېيىن بىمارنىڭ قان زەردانىدىكى خولىستىرىن روشەن تۆۋەنلەپ قانائەتلەنگۈدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن .
راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۇخۇم تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن2B بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى راكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىنىڭ پارچىلىنىپ ئوكسىدلىنىشىنڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۇخۇمدىكى مېنرال ماددىلار، مەسىلەن، سېلىن، سىنىك قاتارلىقلارنىڭمۇ راكىنڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ راك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىگە قارىتا تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلەر سېلىننىڭ سۈمۈرۈلۈش مىقدارى راك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تەتۈر تاناسىب بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە، تۇخۇم تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاساسەن بار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ بىرى بولسا، ھەر كۈنى بىر تال تۇخۇم يېيىش. جۇڭگو خەلقى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن غىزائى داۋالارنىڭ ھەممىسى تۇخۇمدىن ئايرىلالمايدۇ، مەسىلەن، كۆپ يوپۇرماقلىق قامچا ئوتلۇق تۇخۇم قورۇمىسى، تۇخۇم ئۇمىچى قاتارلىقلار. تۇخۇمغا ئىش قوشۇپ تۇزلانغان تۇخۇم تەييارلىغاندىن كېيىن، كالتسىي مىقدارى روشەن كۆپىيىدۇ، ھەر يۈز گراملىق 55 مىللىگرام كۆپىيىپ 520 مىللىگرام بولىدۇ، تەخمىنەن ساپ تۇخۇمنىڭ 10 ھەسسىسى بولىدۇ، كالتسىي تولۇقلىماقچى بولغانلارغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ.

ماقالە مەنبەسى: ئانا-بالا بلوگى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-16 / 08:51:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ