ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ياپونىيەدىكى ئاپېلسىن ئىشلەپچىقىرىدىغان رايوندا 1000 ئادەمنى تاللاپ ھەمدە ئۇلارنى ئون يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، بۇ مەزگىلدە ئۇلار ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى بىلەن بېتا يوشۇرۇن سېرىق ماددىنىڭ قاندىكى قويۇقلۇقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سىجىل دىققەت قىلغان ھەمدە مۇنداق يەكۈن چىقارغان: ئاپېلسىنغا ئامراق كىشىلەر دىئابېت كېسىلىدىن يىراق تۇرىدۇ
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: كۈندە ئۈچ تالدىن تۆت تالغىچە ئاپېلسىن يەيدىغان ئادەمنىڭ يېمەيدىغان ئادەمگە قارىغاندا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %57 تۆۋەن بولىدۇ، يەنە جىگەر ئىقتىدارى بۇزۇلۇش ۋە ياغنى ئاجرىتىش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
بىز بېتايوشۇرۇن سېرىق ماددىنىڭ جىگەر ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشنى چەكلەپ، ياغنىڭ مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان دەلىللەپ بولغان، بۇ قېتىمقى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى كۆپ يەپ بەرسە، دىئابىتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.