نۇر تورى تەرجىمىسى:
باشقىلارنىڭ ئورۇقلاش بەك تەس دېگىنىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، شۇنداق، ئىرادە بولمىسا ئورۇقلاش بەكمۇ تەس، ئورۇقلاشمۇ ئۇسۇلغا موھتاج، تاماقنى يېمەسلىك، ئورۇقلاش دورىسى ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قارىغۇلارچە ئورۇقلاشقا بولمايدۇ. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئارقىلىق ئورۇقلاش مېنىڭچە ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىدۇر. بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ئادەمنى ئاسان ئورۇقلىتىدىغان بىر ئېسىل قورۇمىنى تونۇشتۇراي، بۇ قورۇما «ئۈچەي يۇيۇش ئوتى» دەپ ئاتىلىدۇ، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان سېسىق تەرەتنى ھەيدەپ، بەدەندىكى نەملىكىنى يوقۇتۇپ، ئۈچەي يولى پاكىز قىلىپ، يېگەنسېرى ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ.

ھەممىمىز بىلىمىز كۈدە (韭菜) بولسا بەكمۇ يۇمران ھەم يېيىشلىك كۆكتات، كۈدىنىڭ قوغىجىيى (韭苔) بولسا كۈدىنىڭ چۈرۈك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى قىسمى بولۇپ، يېيىش ئۇسۇلى كۈدە بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، تۇخۇم بىلەن ياكى گۆش بىلەن قورۇپ يېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ قېتىم كۆپچىلىككە ئاددىي بولغان كۈدە قوغىجىينى دۇفۇ قېقى (香干)بىلەن قورۇش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
قورۇما قورۇشتىن ئاۋۋال ئاساسلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىدىن كۈدە قوغىجىيىدىن بىر سىقىم، دۇفۇ قېقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا، توخۇ تەم جەۋھىرىدىن ئازراق، يېمەكلىك مېيىدىن ئۈچ قوشۇق تەييارلايمىز.
1. ئالدى بىلەن كۈدە قوغىجىيىنى پاكىز يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، بۆلەك ھالىتىدە كېسىۋالىمىز.
2. دۇفۇ قېقىنى پاكىز يۇيۇپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز، سامساقنى ئۇششاق دانچە شەكىلدە توغراپ ساقلىۋالىمىز.
3. قىزىغان قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ياغ قۇيۇپ، سامساقنى سېلىپ قورۇپ، مەززىلىك پۇراق چىققاندىن كېيىن، ئاندىن دۇفۇ قېقىنى سېلىپ، تېز سۈرەتتە ئۆرۈپ قورۇيمىز.
4. ئاخىرىدا، كۈدە قوغىجىيىنى سېلىپ، كۈچلۈك ئوتتا بىر نەچچە قېتىم قورۇپ، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى سېلىپ، تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
كۈدە قوغىجىيى ئەمەلىيەتتە كۈدىنىڭ يۇمران غولى بولۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، دائىم ئازراق يەپ بەرسە، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تېرىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۈدە قوغىجىيى تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە نىسبەتەن ياخشى، شۇنداقلا ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىنى ئازايتىپ، بەدەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىدۇ، كۈدە قوغىجىيى تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بولۇپ، ئۈچەي يولى سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، يىغىلىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ھەيدەپ چىقىرشقا ياردەم بېرىدۇ، قەۋزىيەت، ئېغىز پۇراش يوقاپ كەتسە، ئورۇقلاش سىز ئۈچۈن ناھايىتى ئاددىي ئىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/7954475.shtml


