توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ھەمىشە چارچاش ھېس قىلىدۇ، ھەتتا روھسىزلىنىپ، ئۇخلىغانسېرى چارچاپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇنى بەزى ناچار ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت بولسا، يەنە دەرھال سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، ئويغانغاندىن كېيىن روھسىزلىنىپ، ئۇخلىغانسېرى چارچاپ كېتىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
1. ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىش
ئويغانغاندىن كېيىن روھسىزلىنىپ، ئۇخلىغانسېرى چارچاپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر كېچىدە بىر قەدەر بالدۇر ئۇخلاپمۇ، ئەتىگەندە يەنە ھورۇنلۇق قىلىپ يېتىۋالىدۇ، ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، چوڭ مېڭە ئاسانلا قاشاڭلىشىپ كېتىدۇ. ھەرىكەت مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇيقۇغا ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ، بەدەن چارچاپ كەتسە، ئۇخلاش قۇرۇلمىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەش، دائىم بەك ئۇزۇن ئۇخلىۋالماسلىق كېرەك، ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىشمۇ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل قىلمىشتۇر.
2. تۈنەش
ئويغانغاندىن كېيىن روھسىزلىنىپ، ئۇخلىغانسېرى چارچاپ كېتىشنىڭ يۈز بېرىشىنى كۆپ قېتىم تۈنەش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. تۈنەش ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق قىلمىش بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت تۈنەش بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلەشتۈرۈشتىن باشقا، يەنە ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولمىسا، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا روھسىزلىنىپ، ھەتتا ئۇخلىغانسېرى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر بۇنى تۈنەش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئۇخلاش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇپ، يېتەرلىك ئۇخلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساغلاملىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. يوتقاننى بېشىغا چۈمكەپ ئۇخلاش
ئۇخلاش جەريانىدىكى بەزى ناچار قىلمىشلارمۇ ئويغانغاندىن كېيىن روھسىزلىنىپ، ئۇخلىغانسېرى چارچاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر قىسىم كىشىلەر يوتقاننى دائىم بېشىغا چۈمكەپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا سالامەتلىكتە مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. چۈنكى يوتقاننى بېشىغا چۈمكەپ ئۇخلىغاندا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتەلمەي، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، چوڭ مېڭە قان ئايلىنىشىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چوڭ مېڭە زەخىملىنىپ، ئوكسىگېن يېتىشمىگەن ئەھۋالدا ئۇيقۇغا خۇمار بولۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ.
4. تال ۋە ئاشقازان تەڭشىكىنى يوقىتىدۇ.
ئويغانغاندىن كېيىن روھسىزلىنىپ، ئۇخلىغانسېرى چارچاپ كېتىش بەلكىم تال ۋە ئاشقازاننىڭ تەڭشىكىنى يوقاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. تال ۋە ئاشقازان ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەنلەر ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ساغلاملىق مەسىلىسىنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇشنىمۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر كېچىدە كېچىلىك تاماق يېيىشكە ئادەتلەنگەن، كېچىلىك تاماقنى قانچە كۆپ يېسە تال ۋە ئاشقازاننىڭ زىيانغا ئۇچرىشى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. تال ۋە ئاشقازان ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەندە، چوڭ مېڭە ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئادەمنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئىككىنچى كۈنى ئورنىدىن تۇرغاندا چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ھەتتا ئۇخلىغانسېرى چارچاش ھېس قىلىدۇ.
5. دورىنىڭ رولى
ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن روھسىزلىنىش، ئۇخلىغانسېرى چارچاشنى بەلكىم دورىنىڭ رولى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بىر قىسىم كىشىلەر دورا ئىچىش جەريانىدا دورىنىڭ ئەكس تەسىرىگە ئۇچراپ، چارچاپ، ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنى دورىنىڭ رولى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئادەتتە دورىنى ئىشلىتىشتىن توختىغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن روھسىزلىنىش، ئۇخلىغانسېرى چارچاش ئەھۋالى بولسا، چوقۇم ھوشيار بولۇپ، دورىنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىغا قاراپ بېقىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6483695.shtml