ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيەسى«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى تېبابەتچىلىككە ئائىت بايانلار ھەققىدە

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى تېبابەتچىلىككە ئائىت بايانلار ھەققىدە

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بۇ ماقالە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2001-يىل 1-سانىدىن ئېلىندى.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى تېبابەتچىلىككە ئائىت بايانلار ھەققىدە

ئورخۇن دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ، خېشى كارىدورى ۋە گەنسۇنى مەركەز قىلغان قۇدرەتلىك گەنجۇ ئۇيغۇر خانىدانلىقىنى، دۇنخۇاڭدىن كۇچاغىچە بولغان رايوندا قوچۇ ۋە بېشبالىقنى قوش مەركەز قىلغان «ئۇلۇغ قۇتلۇق ئۇيغۇر ئېلى»، يەنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانىدانلىقىنى، كۇچادىن تاكى جەيھۇن (ئامۇ) دەرياسىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا قەشقەر ۋە بالاساغۇننى قوش مەركەز قىلغان قاراخانىيلار خانىدانلىقىنى قۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۈچ خانىدانلىقى ئەينى دەۋردىكى تەڭ- باراۋەر تەرەققىي قىلغان ئۈچ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ. جۇڭگو ۋە دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئابىدىلەرنى قالدۇردى.

11- ئەسىردە قاراخانىيلار خانىدانلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىي ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك») بىلەن خەلقىمىزگە، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا ئىلىم جامائەتچىلىكىگە تونۇشلۇق بولغان مەشھۇر زات. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ بۈيۈك تۈركىيشۇناسى ۋە يېتۈك ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزگە «تۈركىي تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «دىۋان» دەيمىز)دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ جىلدلىق ئېنسىكلوپېدىك قامۇسنى قالدۇرۇپ كەتتى. شەرقىي ياۋروپادىن تاكى يىراق شەرققىچە، ياۋروپا- ئاسىيانىڭ شىمالى، غەربى، غەربىي جەنۇبى، شەرقى ۋە مەركىزىي ئاسىيا قىسىملىرىنىڭ ئەڭ مۇنبەت ۋە گۈزەل جايلىرىغا ئورۇنلاشقان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا بۇنىڭدىن 10 ئەسىر مۇقەددەم ياشىغان بۇ ئالىمى بىلەن پەخىرلىنىدۇ.

«دىۋان» ئەسلىدە گەرچە تۈركىيچە- ئەرەبچە سېلىشتۇرما سۆزلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا بېرىلگەن مىساللار (ماقال- تەمسىل، شېئىر- قوشاق، ئەپسانە- رىۋايەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ رەڭدارلىقى بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخى، تىلى، ئېتنوگرافىيەسى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، يېمەك- ئىچمىكى، جۇغراپىيەلىك ناملار ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مول مەلۇماتلار ئامبىرى بولغانلىقى بىلەنمۇ يىگانە ئەسەر سۈپىتىدە جاھانغا مەشھۇردۇر. «دىۋان»دا يەنە ھەر خىل دەل- دەرەخ، زىرائەت، كۆكتات، ئوت- چۆپ ۋە ھايۋاناتلارنىڭ نامى يېزىلىش بىلەن بىللە، تېبابەتچىلىككە ئائىت نۇرغۇن ئاتالغۇ- سۆزلەملەر ۋە بايانلار بېرىلگەن. بۇ ماقالەمدە «دىۋان»دىكى تېبابەتچىلىككە ئائىت بايانلار ھەمدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى تېببىي ئىلىم چۈشەنچىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

1

تېبابەتچىلىك ئىلمى ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىنلا پەيدا بولغان قەدىمىي بىر پەن. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىگە خاس مۇستەقىل تيېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئاپىرىدە قىلغان. ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تاش قوراللار دەۋرىدىن قالغان تاشتىن ياسالغان يىڭنە، تاش پىچاق، تاش خەنجەر، تاش ھاۋانچىلىرىغا ۋە دۇنخۇاڭ، تۇرپان تارىخىي يادىكارلىقلىرىدىكى تام رەسىملىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلاردا تېبابەتچىلىك خېلى بۇرۇن باشلانغانلىقى ۋە ئادەملەرنىڭ تەن سالامەتلىك ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلاردا كېسەل يوقلاش، كېسەللەرگە غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىقلار كۈندىلىك ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن.

قەدىمكى زامانلاردا مېھنەتكەش ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر ئارقىلىق ئوت، يەل (ھاۋا)، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت كائىناتنىڭ تۆت چوڭ ماددىسىنى كۆزەتكەن، تونۇغان ۋە تۆت چوڭ ماددا (تۆت تادۇ) نەزەرىيەسىنى ياراتقان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى باشقا ئىشقا قوللىنىپلا قالماستىن، بەلكى تېبابەت ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم نەزەرىيەۋى تەلىمات قاتارىدا قوللانغان. ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرى تۆت چوڭ ماددىنى تونۇشتىكى ئومۇمىي كۆزقاراشلاردىن باشلانغان ۋە كېلىپ چىققان. ئۇلار تۇپراق، سۇ، يەل (ھاۋا)، ئوت ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق ماددا، بۇ تۆتى ئادەم بەدىنىدە سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇق، ھۆلدىن ئىبارەت تۆت خىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. «ئوت قۇرۇق ئىسسىق، يەل (ھاۋا) ھۆل ئىسسىق، سۇ ھۆل سوغۇق، تۇپراق قۇرۇق سوغۇقتۇر» . شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىك سەۋەبلىرىنى ئىچكى سەۋەب ۋە تاشقى سەۋەب دەپ ئىككىگە بۆلىدۇ ۋە ھەرقايسى كېسەللىك دىياگنوزلىرىغا قاراپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. تۇرپاندىن تېپىلغان ئىدىقۇت دەۋرىگە تەۋە «تېبابەتچىلىككە ئائىت ھۆججەت»تە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىبىر خېلى مۇرەككەپ كېسەللەرگە قويغان دىياگنوزلىرى ۋە رېتسىپلىرى خاتىرىلەنگەن. قاراخانىيلار تەۋەلىكىدىمۇ تېبابەتچىلىك خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، «دىۋان»دا ھەر خىل كېسەللەرگە ئائىت ئاتالغۇ- سۆزلەملەرمۇ خېلى كۆپ بېرىلگەن. مەسىلەن:

ئالا Ⅰ. 111-14 ئالا، پېسە ئادەم.

ئانۇمى Ⅰ. 185-7 موخۇ كېسىلى.

ئەنۈچ Ⅰ. 74-5

كۆزگە ئۆسكەن گۆش پەردە.

ئەۋشۈك Ⅰ. 142-5 چاپلاشقاق كېسەل.

ئەزىك Ⅰ. تېرىدىكى ئۇزۇنچاق تىرناق ئىزى.

بالىغ Ⅰ. 530-8؛ Ⅱ. 387-16؛ Ⅲ. 462-9 يارىدار.

باش Ⅲ. 207-5، 386-10 يارا، جاراھەت.

بەزگەك Ⅱ. 421-18 بەزگەك.

بەزىك Ⅰ. 500-8 بەزگەك، تىترەك.

بەز Ⅲ. 169-15 بەز.

بىزى Ⅲ. 309-1 كۆيۈك، چاۋارتقۇ.

بوقۇق Ⅰ. 416-7 پوقاق. بوغۇزنىڭ ئىككى يېنىدا، تېرە بىلەن گۆش ئارىلىقىدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل بەزسىمان گۆش. فەرغانە بىلەن شىقنى شەھەرلىرىدە مۇشۇنداق كېسەل تەگكەن كىشىلەر بار. پوقاق نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتىدۇ. بەزىلىرى شۇنداق يوغىناپ كېتىدۇكى، ئۆزىنىڭ كۆكسىنى ۋە پۇتىنى كۆرەلمەيدۇ. مەن كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سورىدىم. ئۇلار ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: «بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز ناھايىتى ئۈنلۈك كاپىرلار ئىكەن، تەڭرى يارلىقىغۇچى پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقاندا، ئاتا- بوۋىلىرىمىز كېچىلەپ چۇقان- سۈرەن سېلىپ، باسقۇن ياساپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ چۇقان- سۈرەنلىرىدىن مۇسۇلمانلار ھودۇقۇپ كېتىپ، مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتۇپتۇ. بۇ خەۋەر خۇدا رازى بولغۇچى ئۆمەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆمەر ئۇلارنى قارغاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بوغۇزىدا بۇ كېسەل پەيدا بولۇپتۇ ۋە ئەۋلادىغا مىراس بولۇپ قاپتۇ». ھازىر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈنلۈك گەپ قىلىدىغان ھېچقانداق ئادەم يوق.

بۇرت Ⅰ. 444-10؛ Ⅱ. 12-10 قارا بېسىش

بۈكەن Ⅰ. 519-9 ئەرلىكى يوق ئادەم، ئەرلىكى زەئىپ كىشى.

ئىگ Ⅰ. 67-7، 390-4؛ Ⅲ. 310-15 كېسەل.

ئىنەگۈ Ⅰ. 185-3 كىندىك ئۇدۇلىدا پەيدا بولىدىغان يەل سانجىقىغا ئوخشاش بىر خىل كېسەل.

ئىرىڭ Ⅰ. 182-3 ئىرىڭ ~ يىرىڭ.

كەفگەك Ⅱ. 422-18 كېكەچ.

كەم Ⅰ. 440-18 كېسەل.

كەزىك Ⅰ. 508-12 كېزىك.

كەزىك Ⅰ. 508-14 كېسەل.

كۆگ Ⅲ. 182-5 داغ. خوتۇنلارنىڭ يۈزىگە چۈشىدىغان داغ.

قامچىغۇ Ⅰ. 639-14 قاپارتقۇ.

قاپارغان Ⅰ. 671-3 قاپارتقۇ.

قىلتىق Ⅰ. 620-12 قوماق، باش كېپىكى، باشتا بولىدىغان كېپەك.

قىزلاماق Ⅰ. 683-15 قىزىل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سىرتىغا تېپىپ چىقىدىغان قاپارتقۇ.

ئۆتۈك Ⅰ. 93-5 ئۆتۈگ ~ ئۆتۈك. ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇش كېسىلى.

پىچغىل Ⅰ. 627-13 قول ۋە پۇتتىكى يېرىقلار. يەرنىڭ يېرىقلىرىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.

چاغراق Ⅰ.613-11 تاز، تازچاق.

چالقان Ⅰ. 574-9 يارىنىڭ ئەدەپ كېتىشى. بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە تارقىلىشى.

چەكەك Ⅰ. 504-13 چېچەك كېسىلى. چىگىلچە.

سارىغلىغ ئەر Ⅰ. 646-12 سېرىق كېسىلى بار ئادەم.

سەڭىل Ⅰ. 629-9 سەپكۈن، يۈزدىكى سەپكۈن، داغ.

سىگىل Ⅰ. 512-11 سۆگەل.

ساۋۇشغان Ⅰ. 673-18 مەددە قۇرت، شۇ قۇرتتىن بولىدىغان سېرىق كېسەل.

سىچغاق Ⅰ. 615-3 چىچقاق.

سىزلاغ Ⅰ. 605-20 سىزلاش. سوغۇق سۇ ئىچكەندە ياكى مۇز چىشلىگەندە چىشنىڭ قاماپ كېتىشى.

سۆگەل Ⅰ. 512-10، 290-3 كېسەل، ئاغرىق. ئوغۇزچە.

سۈگنەگۈ Ⅰ. 640-1 سەينۈگە ~ سەينەك. تىرناق بىلەن گۆشنىڭ ئارىسىغا چىقىدىغان يارا.

تالاغۇ Ⅰ. 536-15 ئۆتكۈر ئوغا، تېز ئۆلتۈرىدىغان زەھەر؛ تولغاق كېسىلى.

تالغان ئىگ Ⅰ. 570-16 تۇتقاق كېسىلى.

تاپ Ⅲ. 198-4 تېرىدىكى يارا ياكى تاياق ئىزى.

تاز Ⅲ. 203-12؛Ⅰ. 411-17 تاز.

تەلۋە Ⅰ. 556-4 تەلۋە، ساراڭ.

تەمرەگۈ Ⅰ. 639-17 تەمرەتكە.

تەشۈك Ⅰ. 503-3 تۆشۈك، يېرىق؛ سېرىق ئەت يېرىقى، چىقۇق ~ چۇقۇق.

تەرسگەك Ⅲ. 577-14 يىڭناسقۇ.

توبۇلغاق Ⅰ. 653-16 يەل تولغاق، قۇلۇجى.

توغا Ⅲ. 310-15 كېسەل، كېسەللىك.

تۇماغۇ Ⅰ. 583-13 تۇمۇ، زۇكام.

تۇتۇغ Ⅰ. 483-7 تۇتقاقلىق.

ئۇم Ⅰ. 68-8 مەيدىسى بۇزۇلۇش، گۆشنى كۆپ يېگەنلىكتىن ئادەمنىڭ مەيدىسى بۇزۇلۇش.

ئۇچغۇق Ⅰ. 133-11 ئۇچۇق، زۇكام.

ئۇررا Ⅰ. 55-1 ئەرلەردە بولىدىغان چىقۇق (چۇقۇق) كېسىلى. ئوغۇزچە،

ئۇزۇز Ⅰ. 76-11؛ Ⅲ. 99-16 قوتۇر (كېسىلى).

ئۇزۇلۇغ كىشى Ⅰ. 199-1 قىچىشقاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى.

ئۈرۈڭ Ⅰ. 181-13 ئاق داغ، ئۆسمۈرلەرنىڭ تىرنىقىغا چۈشىدىغان ئاق. ئۇ يەنە «تىرناق ئۈرۈڭى» دېيىلىدۇ.

ئۈز Ⅰ. 63-9 گاس، پاڭ.

بۇيا قۇلاق Ⅲ. 76-2 تىترەك، بەزگەك تىترىكى. ياباقۇ ۋە يەمەك تىللىرىدا.

يۇقىرىقى كېسەللىك تۈرلىرىدىن بىز ئىچكى كېسەل (بەزگەك، ئىنەگۈ، كەزىك، ئۆتۈك، تۇماغۇ…)؛ تاشقى كېسەل (ئەرىك، بىزى، قامچىغۇ، بالىغ…)؛ بەش ئەزا كېسەللىكلىرى (ئەنۈچ، كەفگەك، تەرسگەك، ئۈز…)؛ تېرە كېسەللىكلىرى (ئالا، ئانۇمى، كۆگ، چەكەك، تاز، تەمرەگۈ…) قاتارلىقلارغا ئېرىشىمىز. ئۇندىن باشقا بالىلار كېسەللىكلىرى (قىزلاماق، ئۈرۈك)؛ ئاياللار كېسەللىكلىرى (كۆگ)؛ جىنسىي كېسەللىكلەر (بۈكىن) قاتارلىقلارنىڭمۇ مىساللىرى بار.

كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش ھەرقانداق بىر ئەلنىڭ تېبابىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كېسەلگە توغرا دىياگنوز قويۇلغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، شۇنىڭغا ماس داۋالاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. يۇقىرىدىكى مەلۇماتلاردىن بىز ئەينى دەۋردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېسەللەرنى توغرا تونۇپلا قالماي، بەلكى كېسەللەرنىڭ بەزىبىر خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى، بەزىبىر ئالامەتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرىدا «پوقاق» كېسىلى توغرىسىدىكى رىۋايەتمۇ بېرىلگەن بولۇپ، بۇنى ئەينى دەۋردىكى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«دىۋان»دا ئادەملەرگە خاس كېسەللىكلەر بېرىلىشتىن تاشقىرى، مال دوختۇرلۇققا، يانى ھايۋانات كېسەللىكلىرىگىمۇ دائىر بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن:

ئەتىلگەن Ⅰ. 214-15 ئاتلاردا بولىدىغان بەز كېسىلى.

چىلدەك Ⅰ. 623-12 ئاتنىڭ كۆكسىگە چىقىدىغان بىر خىل چىقان. ئۇنىڭدىن سېرىق سۇ بىلەن يىرىڭ ئاقىدۇ، داغلىسا ساقىيىدۇ.

چىلدەي Ⅲ. ئاتنىڭ كۆكرىكىدە بولىدىغان بىر خىل يارا، داغلاپ ساقايتىلىدۇ.

قىسراق Ⅰ. 619-3 تۇغمىغان بايتال.

تۇتۇق Ⅰ. 492-14 پىچىۋېتىلگەن، ئاختا.

ياغىر Ⅲ. 10-2 يېغىر.

يۇمۇر Ⅲ. 10-6 ھايۋانلاردا بولىدىغان سوقۇر ئۈچەي.

بۇلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋردە ھايۋانات كېسەللىكلىرىگىمۇ دىياگنوز قويۇپ ھەم ئۇلارنى داۋالاپ، مەلۇم تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇلار بەلكىم ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىل كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى جەريانىدا توپلىغان بىۋاسىتە تەجرىبىسى بولۇشى مۇمكىن.

2

ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۆتكەن تارىخىي ھاياتى جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي ئەمگەك ۋە ئەمەلىي تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن ھەر خىل كېسەللەرگە ماس كېلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى ھەم كېرەكلىك دورىلارنى تاپقان، ئىجاد قىلغان. ئۇلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن باشلاپ ھەر خىل ئۆسۈملۈك، دەل- دەرەخ پوستلىرى، مېۋە- چېۋە، يىلتىز- يوپۇرماق، گۈل- چېچەكلەرنى، شۇنداقلا ئۇرۇق- مېغىزلارنى ئاساسىي يېمەكلىك بولغان ھايۋانات گۆشلىرى ۋە زىرائەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلغان. بۇ جەرياندا قايسى خىل ئوزۇقلۇقنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قايسى خىل ئوزۇقلۇقنىڭ قانداق مىجەزدىكى كىشىلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنداق قىلىپ، ھەر خىل ئوزۇقلۇقنىڭ قانداق كېسەلگە پايدىلىق، قانداق كېسەلگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەجرىبە قىلىپ بىلگەن. ئۇلار ئوزۇقلۇقتىن سىرت، ھەر خىل قېزىلما بايلىقلىرى، يەنى مەدەنلەر بىلەنمۇ كېسەل داۋالىغان ھەمدە بۇ ھەقتە خېلى كۆپ تەجرىبىلەرنى توپلىغان. ئەمدى بىز بۇنىڭغا ئالاقىدار ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ باقايلى:

ئاغۇ Ⅰ. 121-5؛ Ⅲ. 464-1 ئوغا، زەھەر.

ئاڭ Ⅰ. 57-1 يېغى دورا بولىدىغان بىر خىل قۇش، قوداي.

ئارزۇتال Ⅰ. 196-19 بەدەندىكى موينى چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ھاك ئارىلاشمىسى.

ئاژمۇق Ⅰ. 134-11 زەمچە، سۇمۇق.

ئەگىر Ⅰ. 75-11 ئېگىر، قورساق ئاغرىقىغا داۋا بولىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك يىلتىزى.

ئەگىت Ⅰ. 71-16 داغ چۈشۈشتىن ياكى كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارغا سۈرتۈلىدىغان بىر خىل دورا.

ئەم Ⅰ. 53-14 ئەم، داۋا.

ئەم سەم Ⅲ. 214-15 داۋا، ئەم.

بەزىنچ Ⅲ. 510-2 غولى ۋە يوپۇرماقلىرى قىزىل بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، باغلاردا ئۆسىدۇ. دورا قاتارىدا يېيىلىدۇ.

بۇغا Ⅲ. 310-12 بۇغا. ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلىدىغان بىر خىل دورا.

خاسنى Ⅰ. 566-5 بالىلارنى سەمرىتىش ئۈچۈن يالىتىلىدىغان بىر خىل دورا.

ئىرۋى Ⅰ. 173-4 كېسەللەرگە بېرىلىدىغان بىر خىل ھىندىستان دورىسى.

كەكۈش Ⅰ. 530-7 ئىششىققا سۈرۈلىدىغان دورا، دېۋىرقاي.

كىن يىپار Ⅰ. 442-19 كىندىك ئىپار.

قۇندۇز قايىرى Ⅰ. 590-10 قۇندۇز قېيىرى. قۇندۇز تاشىقىدىن ياسىلىدىغان بىر خىل دورا.

قۇۋۇت ~ قاغۇت Ⅲ. 223-9 تۇغۇتتا خۇنسىرىغان خوتۇنلارغا بېرىلىدىغان تاماق.

ئوت Ⅰ. 48-17 دورا ئوت.

ئوت Ⅰ. 49-2 ئوغا، زەھەر.

ئۆترۈم Ⅰ. 144-13، 302-13 سۈرگە دورىسى.

چاخشۇ Ⅰ. 552-9 كۆز ئاغرىقىغا داۋا بولىدىغان بىر خىل ئوت.

چۇرنى Ⅰ. 566-2 تۈرك تېۋىبلىرى ياسىغان بىر خىل سۈرگە دورىسى.

تالاغۇ Ⅰ. 536-15 ئۆتكۈر ئوغا، تېز ئۆلتۈرىدىغان زەھەر؛ تولغاق كېسىلى.

تاۋغاچ يۇداسى Ⅰ. 593-5 يوپۇرماقلىرى سەۋسەن گۈلىنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئوخشايدىغان ۋە دورا بولىدىغان بىر خىل دەرەخ.

توبۇلغاق Ⅰ. 653-15 بىر خىل دورا ئوت.

توي ئوتى Ⅲ. 193-1 دورا قىلىنىدىغان بىر خىل ئوت.

تۇسۇ Ⅲ. 309-12 پايدا، شىپا.

ئۇراغۇن Ⅰ. 186-6 ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلىدىغان بىر خىل دورا.

ئۇرۇمداي Ⅰ. 215-16 زەھەرنى قايتۇرىدىغان تاش، پادىزەھەر.

ياقىغ Ⅲ. 15-10؛ Ⅰ. 530-9 مەلھەم، زىمات. ئىششىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جاراھەتلەرگە يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماي دورا.

يەم Ⅲ. 4-5 تېتىتقۇ، دورا- دەرمەك.

بۇ ئىندېكستىن بىز ئىچكى، تاشقى، بالىلار ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن دورىلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئاپتور «دىۋان»دا يەنە بەزى دورىلارنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقى، قانداق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن.

تازىلىق ۋە گۈزەللىكمۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. شۇڭلاشقا، «دىۋان»دا تازىلىققا دىققەت قىلىش، يەنى بەدەننى پاك، تازا تۇتۇش، ھەر خىل گۈزەللىككە زىت كېسەللەرنى داۋالاش ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: «ئارزۇتال، ئەگىت، خاسنىي» قاتارلىق. بۇمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ئېڭى ۋە تازىلىق قارىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، شۇنداقلا تېببىي ئىلىم ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى بەزى ھاجەتلىرىنى ھەل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمى قۇرىغار (غەربىي يۇرت)نىڭ ئۆزىدىن چىققان بولۇپ، بۇلار قەدىمكى دەۋردىلا ئۇيغۇر تېۋىبلىرى مەزكۇر دىيارنىڭ تاغ- يايلاق، چۆل- باياۋان، باغۇ بوستانلىرىنى كېزىپ يۈرۈپ تاپقان ماتېرىياللاردۇر. ئۇلار تۇپرىقىدىن چىقىدىغان دورا ئەشيالىرىدىن باشقا، غەربتىن، بولۇپمۇ ھىندىستاندىن بەزى دورا نۇسخىلىرىنى يىغىپ كېلىپ، ئۆز تېبابەتچىلىكىگە قوشقان. مەسىلەن: «بۇغا، ئەرۋى، ئۇراغۇن…» قاتارلىق. بۇمۇ ئەينى دەۋردىكى گۈللەنگەن «يىپەك يولى»نىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە قوشقان تۆھپىسى، ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى دورا مەنبەلىرى ئاساسەن ھايۋانات ئەزالىرىدىن شىپالىق نەرسىلەرنى تېپىپ، تەجرىبە قىلىپ پايدىلىنىش، مەسىلەن: «ئاڭ، كىن يىپار، قۇندۇز قايىرى…»؛ مەدەنلەردىن پايدىلىنىپ شىپالىق دورىلارنى ياساش، مەسىلەن: «ئارزۇتال، ئاژمۇق، ئۇرۇمداي…» قاتارلىق. ئۇندىن باشقا، تەن سالامەتلىككە پايدىلىق نۇرغۇن مېۋىلەر ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەبىئىي مول دورا ماتېرىيالى قىلىنغان. مەسىلەن «ئالما، ئامۇت، ئۈزۈم، ئۈژمە، قوغۇن، تاۋۇز، ئۆرۈك، شاپتۇل، چىلان، بادام، ياڭاق…» دېگەندەك. ئاش- تاماقلىرىدا يەنە دورىلىق خۇسۇسىيىتى (مىزاجنى تەڭشەش خۇسۇسىيىتى) مول بولغان دورا- دەرمەك (تېتىتقۇ)لارنى داۋاملىق ئىشلىتىپ كەلگەن. «دىۋان»دا ئۆسۈملۈك دورىلىرىدىنمۇ ئۆرنەكلەر بېرىلگەن. مەسىلەن: «ئەگىر، بەزىنچ، چاخشۇ، تاۋغاچ يۇداسى، توبۇلغاق…» قاتارلىق.

يۇقىرىدىكى ئىندېكستا زەھەرلىك دورىلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۆرنەكلەرمۇ بار. مەسىلەن: «ئاغۇ، ئوت، تالاغۇ، ئۇرۇمداي…» قاتارلىق. زەھەرلىك دورىلارنىڭ قوشۇمچە تەسىرى كۈچلغك بولۇپ، مۇۋاپىق، توغرا مىقداردا ئىشلىتىلمىسە زەھەرلىنىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە زەھەرلىك دورىلارنى داۋالاشتا قوللىنىش تېبابەتچىلىكنىڭ خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.

3

كېسەللىككە بولغان تونۇش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتىكى تەجرىبىلەر ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر- تۈركىي تېۋىبلىرىنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسى، ئەلۋەتتە. ئۇلار كېسەللەرنى داۋالاش جەريانىدا داۋالاش ئەسۋابلىرىنىمۇ ئىجاد قىلىپ ماڭغان. «دىۋان»دا تېۋىب ۋە تېبابەتچىلىك ئەسۋابلىرىغا ئائىت سۆزلەملەرمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

ئارقاچاق Ⅰ. 196-17 ئېغىزغا دورا قۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىچى كاۋاك ئەسۋاب.

ئاتاساغۇن Ⅰ. 117-14 تېۋىب.

ئەمچى Ⅰ. 53-14؛ Ⅲ. 345-13 داۋالىغۇچى (تېۋىب).

بەلىك Ⅰ. 501-4 پىلىك. يارا تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان پەلكۈچ.

قاناغۇ Ⅰ. 583-14 قانئالغۇ، نەشتەر. قان ئالىدىغان سايمان.

سورغۇ Ⅰ. 554-9 شورىغۇچ، ھەجامەت. قان ئېلىش (شوراش) ئەسۋابى.

بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، «ئاتاساغۇن» ۋە «ئەمچى»دىن باشقا ھەممىسى تېبابەتچىلىك ئەسۋابلىرىغا دائىر ئاتالغۇلاردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە «قاناغۇ، سورغۇ» دېگەنلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشپىرىسلار بولۇپ، بۇنىڭدىن شۇ ۋاقىتتىكى تېبابەتچىلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.

شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئىنسانلاردا ھەر خىل تۇتېم ئېتىقادى ۋە ھەر خىل دىنلار ئېتىقادى پەيدا بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېرىخۇنلار، پالچى- رەمماللار ۋە سېھىرگەر- ئەرۋەشچىلەر پەيدا بولغان. ئۇلار سېھىر قىلىش، نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزۈش، پال سېلىش ۋە تەسبىھ سىيرىش ئارقىلىق ئىپتىدائىي دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆزلىرىنى تەڭرى بىلەن ئالاقىسى بار، تەڭرى بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان، تەڭرىگە ئاۋامنىڭ پىكىر- تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈپ. تەڭرىنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاۋامغا ئۇقتۇرىدىغان، ياخشىلىق- يامانلىق، بالا- قازا ۋە بەخت- سائادەتتىن ئالدىن خەۋەر بېرەلەيدىغان قىلىپ كۆرسەتكەن. «دىۋان»دا سېھىر- ئەپسۇن، پېرىخۇن- داخان ۋە پالچى- رەمماللارغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداقمۇ سۆزلەملەر ئۇچرايدۇ:

ئارۋادى Ⅰ. 373-14 ئەرۋىدى (ئەپسۇن ئوقۇدى).

بىتىك Ⅰ. 499-17 تۇمار. ئوغۇزچە.

ئىرق Ⅰ. 60-8 رەمماللىق، پالچىلىق.

ئىسرىق Ⅰ. 134-16 ئىسرىق.

قام Ⅰ. 215-1، 373-14؛ Ⅲ. 600-15 كاھىن، شامان (باخشى).

ئۆرۈڭ Ⅰ. 181-15ئۆرۈم. پالچىغا بېرىلىدىغان ھەق.

سۈرپلەدى Ⅲ. 601-15 قۇمۇلاق سالدى، پال باقتى.

تۇتۇغلۇغ يەر Ⅰ. 645-17 جىنلىق يەر، جىنى بار يەر. ئۆتكەن كىشىلەرگە جىن چاپلىشىدىغان يەر،

يات Ⅲ. 1-12؛ Ⅰ. 51-1؛ Ⅲ. 217-11 يادا. يامغۇر، شامال ۋە باشقىلارنى تىلەش ئۈچۈن مەخسۇس تاشلار (يادا تاشلار) بىلەن سېھىر قىلىش، كاھىنلىق.

يەلۋى Ⅲ. 42-10 سېھىر.

يەلۋىچى Ⅲ. 42-10 سېھىرگەر، سېھىرچى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت جىسىملىرى بىلەن كېسەل داۋالاش ئۇسۇللىرى ئەينى دەۋردە خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قەدىمكى شامان، زەردوشت دىنى ۋە بۇتپەرەسلىك قاتارلىق دىنىي ئېتىقادلار كۈچلۈك بولغاچقا، بۇ خىل ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان خۇراپىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تېبابەتچىلىككە ئارىلىشىپ كەتكەن. پېرىخۇنلار ياكى سېھىرگەرلەر دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق ئارىسىدىكى بىر قىسىم دورىگەرلىك بىلىملىرى ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان. شۇنىڭ بىلەن كېسەل كىشى دورا ئىچىپ ياكى شۇ كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى غىزا- تائاملارنى يەپ ساقايسا، بۇنى سېھىرنىڭ كۈچى، داخاننىڭ تەڭرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقىنىڭ خاسىيىتى دەپ قارىغان. بۇ ھال تېبابەتچىلىكنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنىنى خۇراپاتلىق تونىنىڭ يېپىپ تۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇ خىل خۇراپاتلىقنىڭ قالدۇقلىرىنى ئەينى ۋاقىتتىلا ئەمەس، ھازىرمۇ بىر قىسىم بۇلۇڭ- پۇچقاقلاردا نادان خەلقنى ئالداپ كەلمەكتە.

«دىۋان»دا يۇقىرىدا بېرىلگەن ئاتالغۇ- سۆزلەملەردىن باشقا، تېبابەتچىلىككە ئائىت ماقال- تەمسىللەر ۋە كېسەل ۋە داۋاغا (تەن ساغلاملىققا) مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقال- تەمسىللەرمۇ خېلى كۆپ. مەسىلەن: «ئاتاسى ئاچىغ ئالمىلا يەسە ئوغلىنىڭ تىشى قامار [ئاتىسى ئاچچىق ئالما يېسە، ئوغلىنىڭ چىشى قامار Ⅱ. 456-4]»؛ «ئەگىر بولسا ئەر ئۆلمەس [ئېگىر بولسا، ئەر ئۆلمەس Ⅰ. 75-13]»؛ «ئەڭدۈر بولسا ئات ئۆلمەس [ئەندىر بولسا ئات ئۆلمەس Ⅰ. 156-4]»؛ ئەركەچ ئەتى ئەم بولۇر ئەچكۈ ئەتى يەل بولۇر [ئوغلاق گۆشى داۋا بولۇر، ئۆچكە گۆشى يەل بولۇر Ⅰ. 129-1]»؛ «ئىزلىك بولسا ئەر ئۇلدىماس ئىچلىك بولسا ئات ياغرىماس [چورۇق بولسا ئادەم ئۇلدىماس (پۇت ئاغرىماس)، ئىچلىك بولسا ئات يېغىر بولماس Ⅰ. 141-14]»؛ «كەرىش ياغىرى ئوغۇلغا قالىر [گەجگە يېغىرى ئوغۇلغا قالار Ⅰ. 479-12]»؛ ئوغلان سۇۋ تۆكەر ئۇلۇغ يانى سىنۇر [بالا سۇ تۆكسە، تېيىلىپ كېتىپ، چوڭلارنىڭ يانپىشى سۇنار Ⅱ. 25-8]»؛ «چاخشاق ئۈزە ئوت بولماس چاغراق بىلە ئۇۋۇت بولماس [چوخچا تاشتا ئوت بولماس، تازچاقتا ئۇيات بولماس Ⅰ. 613-11]»؛ «ساقاق پىچار ساقال ئوخشار [ساقالنى ئوينىسا، (ئۇستۇرا) ئېڭەكنى پىچار (كېسەر)Ⅰ. 372-17؛Ⅱ. 417-8]»؛ «تاز كەلىگى بۆركچىگە [تازنىڭ كېلىدىغان يېرى دوپپىچىنىڭ دۇكىنى Ⅱ. 54-7، 68-5]»؛ «تىلكۈ ئۆز ئىنىگە ئۈرسە ئۇزۇز بولۇر [تۈلكە ئۆز ئىنىگە ھۈرسە (خىرىس قىلسا)، قوتۇر بولار Ⅰ. 76-12]»؛ «ئۇمايقا تاپىنسا ئوغۇل بولۇر [ئەشكە تېۋىنسا، ئوغۇل تاپار Ⅰ. 167-3]» …

ماقال- تەمسىللەر خەلقنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزىسىنىڭ سەمەرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. ئەسىرلەر داۋامىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتۈپ دەۋرىمىزگىچە كېلىۋاتقان بۇ ماقال- تەمسىللەر خەلقنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھاياتىنى، دۇنياقارىشىنى، پەزىلەتلىرىنى، ئۆرپ- ئادەت ۋە مىجەز- خۇلقىنى، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەمدە كىشىلىك تۇرمۇشتا توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ماقال- تەمسىللەر بىر ياكى بىرنەچچە كىشىنىڭ ئىجادىيىتى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن بىر كوللېكتىپنىڭ تەپەككۇر مەھسۇلاتى بولغاچقا، ئۇنىڭ مەنتىقىلىقلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. ماقال- تەمسىلنىڭ تۇراقلىشىپ كىشىلەر ئارىسىغا تارقىلىشىغىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن مەزگىللەر كېتىدۇ، يۇقىرىدىكى ماقال- تەمسىللەردىنمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تېبابەتچىلىك قاراشلىرىنىڭ خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بولۇپمۇ «ئەگىر بولسا ئەر ئۆلمەس»، «ئەڭدۈز بولسا ئات ئۆلمەس» دېگەن ماقال- تەمسىللەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ دورىگەرلىك ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ھېس قىلساق، «ئەركەچ ئەتى ئەم بولۇر ئەچكۈ ئەتى يەل بولۇر»، «ئۇمايقا تاپىنسا ئوغۇل بولۇر» دېگەن ماقال0 تەمسىللەردىن ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئادەم بەدىنى ۋە ئادەمنىڭ مىزاجى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

***

يۇقىرىقىلاردىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس، مۇكەممەل سىستېما ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخقا ئىگە بولغان تېبابەتچىلىك ئىلمى ۋە ئۇلۇغ ئالىمنىڭ تېبابەتچىلىكتىن خېلى يۇقىرى دەرىجىدە خەۋىرى بارلىقىدىن دېرەكلىنىمىز.

«دىۋان» بىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تېببىي ئىلمى، تېبابەت تارىخى ھەققىدىكى، يەنى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا تەبىئەت ۋە كېسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى، ھەر خىل داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئىجاد قىلغانلىقى، ئۇيغۇر- تۈركىي مىللەتلىرى ماكانلاشقان رايونلارنىڭ يە، سۇ، ھاۋاسى؛ خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادەتلىرى، غىزالىنىش ئەھۋاللىرى، بۇ جايلاردا ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر، مەدەن، دورا- دەرمەك بايلىقلىرى بىلەن، يىغىپ ئېيتقاندا، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلمى توغرىسىدا نۇرغۇن ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىللە، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتلىققا دائىم تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، «دىۋان»دا ساقلىق ساقلاش جەھەتتىكى بىرنەچچە زۆرۈرىيەت ۋە قائىدىلەر، يەنى ھاۋا، يېمەك- ئىچمەك، ھەرىكەت- ئىستىراھەت، ئۇيقۇ- ئويغاقلىق، تۇتۇش ۋە چىقىرىش، روھىي ھالەتلەر، تازىلىق، يامان ئادەتلەردىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ھەمدە ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، بالىلار- ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش جەھەتتىكى بىلىملەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئىلمى ۋەتەن تېبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇنىڭ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن دەۋرلىرى بولغىنىغا ئوخشاش بىر ئىزدا توختاپ قالغان، چېكىنگەن، ھەتتا چەكلىمىگە ئۇچراپ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشتەك ئېچىنىشلىق دەۋرلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن مەزگىللىرىمۇ بولغان. ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جاھان تېبابەت ساھەسىگە تونۇتۇش ئۈچۈن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى داۋالاش ئۇسۇللىرى، دورىگەرلىك تەجرىبىلىرى بىلەن تونۇشۇش، ئۇنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، ھازىرقى ئۇيغۇر تېبابىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.

پايدىلانمىلار:

1.«تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-، 1982-، 1984- يىللار، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-، 2-، 3- توملار.

2.«جۇڭگو تېبابەت قامۇسى تارماق تومى ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى» 1-، 2-، 3- جىلد، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 1988-، 1990-، 1991- يىللار، ئۇيغۇرچە نەشرى.

3.ھاجى ئابدۇلھەمىت يۈسۈفى: «ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيەلىرى دەرسلىكى»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 1988- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.

4.«ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئىلمىي ساۋاتلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1973- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى.

5.«شىنجاڭ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1973- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى.

6.شيا لېيمىڭ: «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت تېبابىتىگە نەزەر»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1994- يىللىق 3- سان.

7.غەيرەت ئابدۇرەھمان: «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى ئۆسۈملۈك ئاتالغۇلىرى ھەققىدە»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1997- يىللىق 2- سان.

8.ھاى ياقۇپ يۈسۈفى: «ئۇلۇغ تۈركىيشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىي»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى.

9.رىشات گەنج: «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت شەكلى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى.

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار 1966- يىل 21- سىنتەبىر بورتالا شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1975- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە سابىق بورتالا ئوبلاستلىق «7- ماي» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1980- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە سابىق بورتالا ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ (ھازىرقى بورتالا شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپ)تە ئوقۇغان. 1985- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) مىللەتلەر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتىتى (ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتېتى)نىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. 1990- يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

1986- يىلى «بورتالا گېزىتى»دە ئۇنىڭ «نىگارىمغا»، «يۇرتۇم» ناملىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت- ژۇرناللاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسرى، 70 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي، مۇھاكىمە ماقالىسى ئېلان قىلىندى، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى نۇسخىسىنى ۋە ئىندېكسىنى نەشرگە تەييارلاشقا، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىت- شېۋىلىرى سۆزلۈكى»نى ئىشلەشكە قاتناشتى، «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ 30 يىلى» ناملىق كوللېكتىپ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى نەشرگە تەييارلىدى. 2001- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «تىل- يېزىق مەدەنىيىتىدىن جاۋاھىرلار» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى. 100 قىسىمدىن ئارتۇق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى، شۇنداقلا «ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمىي تارىخى»، «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى»، «شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىشقا قەدەم قويغان تۇنجى يىلى»، «مەدەنىيلىك»، «ئوتخور جەمەت» قاتارلىق بىرقانچە كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشتى. ئۇ تەرجىمە قىلغان نوبېل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى مويەننىڭ «ئوتخور جەمەت» ناملىق رومانى 2013- يىلى ئىيۇلدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى ھەم شۇ يىلى مەزكۇر نەشرىيات تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر تەرجىمان» بولۇپ باھالاندى. دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ تەتقىقات تۈرى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ناملىق ئىلمىي تەتقىقات تېمىسى (300 مىڭ خەتلىك)نى تاماملاپ تاپشۇردى.

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەمدە جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ ماقالە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2001-يىل 1-سانىدىن ئېلىندى.

خەلق تورى دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ