زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى
تۈركچە: alerji , (anaflaksi)
زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى : نورمالدا ئانچە ئانچە ئېغىر ھىس قىلمايمىز. پەقەت بەدەن، تېرە قىچىشىدۇ دەپلا بىلىمىز. ئەمما بۇ ئېغىر ئەھۋاللارنى، ھەتتا نەچچە مىنوت ئىچىدە ئۆلۈمدەك خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى ئىھتىماللىق بولىدۇ.
زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، بىمارنىڭ قان تومۇرىغا شۇ بەدەنگە رىئاكسىيە قىلىدىغان يات بىر ماددا كىرگەندە پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ھەرە زەھىرى ، ھەرە چېقىشتا زىيادە سېزىمچانلىق ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت سۈلۈك نىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاجراتقۇ ماددىسى، سۈلۈك شۇ يەردىكى تومۇرنى تىشىپ قاننى شورىغاچقا، ئاغزىدىكى ئاجراتما ماددا قان تومۇرغا كىرىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئوكۇل، دورا، قاتارلىقلار.
ھەرە چاقسا زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. بۇ جىددىي قۇتقۇزۇشتا دوختۇرنىڭ بەك دىققەت قىلىپ تۇرۇپ داۋالايدىغان بىر ئەھۋال.
ھەم غەرىپ تىبابىتىدە بوۋاقلار بىر ياشقا كىرگىچە ھەسەل بېرىشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ
زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىياسى ئالامەتلىرى
يېنىك دەرىجىلىك زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى ئالامەتلىرى:
تېرىنىڭ شۇ يېرىدە قىچىشىش، قىزرىش ، ئىششىش
ئوتتۇرا ئېغىر زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى ئالامەتلىرى:
- پۈتۈن بەدەندە قىچىشىش، قىزىرىش، ئىششىش
- قان بېسىمى چۈشۈپ كېتىش،
- ئايلىنىپ كېتىش،
- ھۆ تۇتۇش،
- كۆز قاپاقلىرى، كالپۇك ئىششىش،
- يۈرەك سوقۇشى بىنورمال
ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئالامەت:
كاناي يوللىرى ئىششىپ نەپەس ئالالماي ئۆلۈپ كېتىش.
بۇ ئەھۋاللار بەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەيدا بولۇش ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېغىرلاپ كېتىش ئىھتىماللىقى بار. قىسقا ۋاقىت دىگىنىمىز، داۋالاش باشلانغاندىن تارتىپ، نەچچە مىنۇت، ئون نەچچە مىنۇت ئىچىدە يۈز بېرىپ ئېغىرلاپ كېتىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. شۇڭا زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسىنى داۋالاشتا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش بەك مۇھىم.
دوختۇر تېۋىپلار بۇ ئەھۋالدا قانداق دورىلارنى بېرىشى كېرەك؟
زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى ( allerji, anaflaksi) نىڭ ئالامىتى كۆرۈلگەندە، تۆۋەندىكى ئىككى دورا دوختۇرنىڭ يېنىدا بولغان ياخشى.
(رەسمىي داۋالاش كېنىشكىسى بولمىغانلار بۇ دورىلارنى ئېلىپ بىمارغا بەرمەسلىكى لازىم. بۇ پەقەت رەسمىي داۋالاش كىنىشكىسى بارلارغا قىلىنغان تەۋسىيە)
تۆۋەندىكى دورىلارنىڭ مىقدارى، قۇرامىغا يەتكەن بىمارلار ئۈچۈن قىلىنغان تەۋسىيە:
Avil 1 ampül + 10 cc sf
(ئىچىدىكى ماددا: feniramin maleat )
بۇ يىڭنە شەكىلدە، ئۇدۇل كاسسىغا ئۇرسا بولىدۇ.
prednol 80 mg + 100 cc sf
(ئىچىدىكى ماددا: metilprednisolon )
بۇ ئاسما ئوكۇل شەكىلدە، تومۇردىن ئۇرسا بولىدۇ.
يۇقارقى ئىككى دورىنىڭ ئىسمى، ئوخشىمىغان دۆلەتتە ئاز تولا ئوخشىماسلىق بولۇشى مۇمكىن. يۇقارقىسى تۈركىيەدىكى ئىسمى.
بەك ئېغىر ئەھۋالدا Epinefrin ئىشلىتىدۇ. ئەمما بۇنى نورمالدا پەقەت جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ھەم ئەڭ ياخشىسى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىش ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا (ئوخشىمىغان دۆلەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش نومۇرلىرى ئوخشىماسلىق بار) تېلېفون قىلىش كېرەك.
ھازىرقى شارائىتىمىزدا ،زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسى كۆرۈلگەندە، ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش قىلالامدۇق؟
ۋەتەندىكى چوڭ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدەك شەرت شارائىتى ۋە مۇھىتى بولسا بۇ خىل زىيادە سېزىمچانلىقنى بىر تەرەپ قىلالىشى مۇمكىن.
چۈنكى زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىياسىدە دوختۇرنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى كاناي ئىششىپ، نەپەس ئالالماسلىق. بۇ بولۇپ قالسا ئېغىزدىن نەيچە سېلىپ سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش كېرەك. بۇنى ھازىرچە، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىلا قىلالايدۇ. ئېغىزدىن نەيچە پاتمىغاندا، دوختۇرلار بويۇن كاناي قىسمىنى كېسىپ ئېچىپ شۇ يەردىن نەيچە تىقىدىغانغا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. يۇتقۇنچاق كاناي قىسمى ئىششىپ كېتىش دوختۇر ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالدۇر.
زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە ئېغىزدىن بىرەر دورا بەرمەسلىك لازىم، چۈنكى گېلىغا تۇرۇپ قېلىش خەتىرى بولىدۇ.
شۇڭا دوختۇرلار بىمارنى كۆرمەي تۇرۇپ، تېلىفوندا قىسقا ئۇچۇردا بىرەر دورا بېرىشتىن بەك ئۆزىنى تارتىدۇ.
زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ…