ياش تەرتىپى بويىچە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرىلىدۇ .
1 . ئەجداد تەرتىپى بويىچە : ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنە بويىچە ئەجداد تەرتىپىنىڭ خاس نامى ۋە شەخس ئىسمى يەتتىنچى ئەجدادقىچە خاتىرىدە تۇتىلىدۇ :
(1) دادا ( ئاتا ) ، ئانا ( ئاپا ) ؛
(2) چوڭ دادا ( ئاتا ) ، چوڭ ئانا ( ئاپا ) ؛
(3) بوۋا (م) ، موما (م) ؛
(4) چوڭ بوۋا (م) ، چوڭ موما (م) ؛
(5) ئۇلۇغ بوۋا )م) ، ئۇلۇغ موما (م) ؛
(6) بەشىنچى ئەۋلاتتىن يەنى ئۇلۇغ بوۋىدىن يۇقۇرىدىكىلەر ئۇلۇغ بوۋامنىڭ بوۋىسى ياكى ئالتىنچى ، يەتتىنچى بوۋام دەپ يۈرگۈزىلىدۇ . بۇرۇن ئالتىنچى ، يەتتىنچى ئەجدادنىڭ خاس نامى بولغان بولىشى مۈمكىن . ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگۈچە ئۇنتۇلغان بولسا كېرەك . شۇنىڭدەك ھازىرقى ئۈچىنچى ئەجدادلىرىدىن يۇقۇرى ئەجدادىنىڭ خاس نامى شەخس ئىسىملىرىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلار ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى .
2. ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە : ئۇيغۇرلاردا دادا جەمەت ئەۋلادى ئالتە بوغۇمدا يەنى ئالتە ئەۋلادىدا ئاخىرلىشىدۇ . ئۇلار :
(1) ئوغۇل ، قىز
(2) نەۋرە
) (3) ئەۋرە
(4چەۋرە
(5) پەي نەۋرە
(6) كۆكۈن نەۋرە دېيىلىدۇ . نەۋرە ئوغۇل ، قىز دەپ پەرقلەندۈرىلىدۇ
3 . دادا جەمەت بويىچە : دادا ، ئانىسىنىڭ ئاكا – ئۇكا ، ئاچا – سىڭىللىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاغا ياكى ئاغا ، ئاكا ، ھامما دەپ پەرقلەندۈرىلىدۇ . ئەمما ئادەتتە يېقىنلىق ، مېھرى – ھۆرمەت ئېتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ شەخس ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دادا (م) ، ئاپا (م) ، سۆزى قوشۇلىدۇ . بەزى رايونلاردا دادىسىنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاتا ، ئۇكىسى كىچىك ئاتا ؛ ئانىنىڭ ئاچىسى چوڭ ئاپا ، سىڭلىسى كىچىك ئاپا دەپمۇ يۈرگۈزىلىدۇ .
4 . قۇدا تۇغقان ناملىرى : پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن غەيرىي قانداش سېستىمىسى ئاساسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت : قۇدا تۇغقان » دېيىلىدۇ ۋە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرىلىدۇ .
(1) ئوغۇل ۋە قىز تەرەپ ئاتا – ئانىلىرى قۇدىلارنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولغاندا ئەر ( ئەركەك ) قۇدا ، ئايال ( چىشى _ قۇدا دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
(2) ئوغۇلنىڭ ئايالى » كېلىن » ياكى » كېلىن بالا » ؛ قىزنىڭ ئېرى » كۈيە ياكى كۈيئوغۇل » دەپ يۈرگۈزىلىدۇ . ئەمما ئوغۇل تەرەپ ئادەتتە كېلىنىنى ئائىلىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە » قىزىم ياكى بالام » دەپ ئاتايدۇ . قىز تەرەپ بولسا كۈيئوغۇلنؿ» ئوغلۇم ياكى بالام » دەپ ئاتايدۇ .
(3) ئوغۇلنىڭ ئايالىنىڭ شۇنىڭدەك ، كېلىننىڭ ئېرىنىڭ دادا ( ئاتا ) سى ، ئانا ( ئاپا ) سى ، » قېيىن ئاتا » ، » قېيىن ئانا » دېيىلىدۇ . ئادەتتە دادا ( ئاتا ) ، ئانا ( ئاپا ) دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
(4) كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە چوڭ ئوغۇلنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇكا ، سىڭىللىرى تەرىپىدىن » يەڭگە » ياكى » ئېگىچە » ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بولسا » ئايلا » دەپ ئاتىلىدۇ . كېلىنلەر ئارىدىن چوڭلىرىنى ئاكا ياكى ئاغا ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا » موللاكا » ، » ئاچا » ياكى » ھەدە » » ئايلا » ؛ كىچىكلىرىنى » ئۇكام » ، » سىڭلىم » دەپ ئاتايدۇ . بىر ئائىلىدىكى ئاكا – ئۇكىنىڭ ئاياللىرى ئۆزئارا » ئېپى يەڭگە » دەپ ئاتىشىدۇ .
(5) ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاكا – ئۇكىسى » قېيىن ئاغا » ، » قېيىن ئىنى » ، ئاچا – سىڭىللىرى » قېيىن ئېگىچە » ، : قېيىن سىڭىل » دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
(6) بىر ئائىلىدىن ياتلىق بولغان ئاچا ، سىڭىلنىڭ ئەرلىرى شۇنىڭدەك ئەر – ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا – ئۇكا ، ئاچا – سىڭىللىرى ئارىسىدا قۇدىلاشقانلارمۇ «باجا» دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى » قايچا قۇدا » دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر جەمىيىتىدە قۇدا تۇغقانلار بىۋاستە تۇغقانلاردىن ھېسابلانمىسىمۇ ، لېكىن ئۆزئارا قاتتىق ھۆرمەتلىشىدۇ . بۇ «قۇدا كالدى ، خۇدا كەلدى» ، «كۈيئوغۇل كەلدى ، خان كەلدى» دېگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن .
(7)پەرزەنتلەرگە ئائىت خاس نام : يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر جان ئىگىسى بىر تۇتاش «بالا» ، جىنسىي پەرقىگە قاراپ «ئوغۇل» ، «قىز» دەپ ئاتىلىدۇ . بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقىچە «بوۋاق» ، ئالتە – يەتتە ياشلىق بالىلار «نارەسىدە» ، يەتتە – سەككىز ياشتىن 11-12 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلار «ئۆسمۈر» دەپ ئاتىلىدۇ . بىر قېتىملىق تۇغۇتتا تۇغۇلغان ئىككى بالا «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدۇ .
(8)نەۋرىلەر : بىر جەمەتتىن بولغان نەۋرىلەر ئادەتتە تۇغقان دەپ يۈرگۈزىلسىمۇ ، ياش تەرتىپى بويىچە يەنىلا «نەۋر ئاكا» ، «نەۋر ئىنى» ، «نەۋرە ئاچا ياكى نەۋرە سىڭىل» دېگەن خاس نام ئارقىلىق پەرقلەندۈرىلىدۇ . ئۇيغۇرلاردا تۇغقان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان دادا ، بوۋا ، ئانا (ئاپا) ، ئاكا – ئۇكا (ئىنى) ، ئاچا – سىڭىل ، يەڭگە ، ئايلا ، بالا ، قىز ، ئوغۇل قاتارلىق ئاتالغۇلار ئادەتتە يېقىنلىق ، مېھرى – ھۆرمەت ئىپادىسىدە يەنە كەڭ قوللىنىدۇ . مەسىلەن ، قولۇم – قوشنا ، يارۇ – بۇرادەرلەر ئۆزئارا ئۆزىدىن چوڭلارنى بوۋا ، دادا ، ئاكا ؛ ئاياللارنى ئانا (ئاپا) ، ئايلا ، ئاچا ، يەڭگە ؛ كىچىكلەرنى ئۇكام ، ئىنىم ، بالام ، ئوغلۇم . سىڭلىم ، قىزىم دەپ ئاتايدۇ . ناتۇنۇش كىشىلەر مەلۇم زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۇدۇل كەلگەن بىرىدىن گەپ سوراش توغرا كېلىپ قالغاندا ، قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي پەرقىي بويىچە قىياسەن ياش – قۇرامىغا قاراپ يۇقۇردىكى ناملاردا چاقىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا دىنىي زاتلارنىڭ ئاياللىرى «قۇشناچ» ، يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاياللىرى «ئاغچا» دەپ ئاتىلىدۇ.
http://uyghurpedia.com/