بوۋاقلارغا ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ

0
1539
بوۋاقلارغا ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ

ھەسەل بولسا ھەسەل ھەرىسى گۈل غۇنچىلىرىدىن يىغقان گۈل شىرنىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك. ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، ‹‹كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتىدىغان ئەڭ ياخشى دورا›› ، ‹‹تەبىئەت دۇنياسىدىن كەلگەن تەبىئىي ئىممۇنىتىت دورىسى» دىگەن نامغا ئالغان.

بىراق تېببىي ئالىملار ۋە ئوزۇقلۇقشۇناسلار كىشىلەرنى بوۋاقلارغا ھەسەل بېرىشكە بولمايدۇ ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

چۈنكى ، ھەسەل ئاسانلا بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن بۇلغىنىدۇ ، مۇبادا بۇ خىل باكتېرىيە ھەسەل ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلسە توكسىن قويۇپ بېرىدۇ . كىشىلەر بۇنداق ھەسەلنى ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا زەھەرلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا ، بۇنداق ھەسەلنى يېگەندە كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ .

بىراق، بوۋاقلارنىڭ تېنى ئاجىز، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، بۇنداق ھەسەلنى يېگەندە ھەر ۋاقىت كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقلاردىكى بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيىسى بوۋاقلارنىڭ ھەسەل ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here