سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بازاردا ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تەشۋىق قىلىدىغان ئېلانلار كۆپ بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىمۇ ئىنتايىن سەرخىل، ۋىتامىن ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددا بولۇپ، ئادەم زادى ۋىتامىن تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىقمۇ-ئەمەسمۇ؟
ۋىتامىن دېگەن نېمە؟
ۋىتامىن ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە مېتابولىزمنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان مىكرو مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددا بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈش، مېتابولىزم، يېتىلىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ۋىتامىن كەمچىل بولسا نېرۋا كەمتۈكلۈكى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، قان ئازلىق، ئۆسمە پەيدا بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسى بولسا يېمەكلىكتىن باشقا كىشىلەرنىڭ ۋىتامىنغا ئېرىشىشتىكى يەنە بىر يولى.
ۋىتامىن قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
كۆپ ئۇچرايدىغان ۋىتامىنلار يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىن D، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋىتامىنلار (ۋىتامىن A ۋە كاروتېنوئىد)، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 ۋە ۋىتامىن B12 قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قانداق كىشىلەر ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسى ئىشلىتىشى كېرەك؟
ئەگەر تېنى ساغلام، يېمەك-ئىچمىكى ياخشى بولسا، ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۆپچىلىكنىڭ ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسى ئەمەس، بەلكى يېمەكلىك ئارقىلىق ۋىتامىن قوبۇل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، تۆۋەندىكى كىشىلەر ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسىدىن ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن:
1. 65 ياشتىن يۇقىرى ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەر: يېشى بىر قەدەر چوڭ ياكى ئۇزاق مۇددەت ئۆي ئىچىدە خىزمەت قىلىدىغانلار ھەر كۈنى ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
2. ۋىتامىن كەمچىل كىشىلەر: ئەگەر ۋىتامىن كەمچىل بولۇش كېسەللىكى كۆرۈلسە، دوختۇر رېتسېپ يېزىپ، قايسى خىل ۋىتامىن ۋە ئۇنىڭ مىقدارىنى ئىستېمال قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
3. ئاشقازاننى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلغان كىشىلەر: بۇنداق كىشىلەر يېمەكلىكتىن بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭلاشقا ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسى بىلەن ۋىتامىن تولۇقلاش كېرەك.
4. ھېچقانداق ھايۋانات گۆشى يېمەيدىغانلار: گۆش، تۇخۇم ۋە ھايۋانات مەنبەلىك باشقا يېمەكلىكلەرنى يېمەيدىغانلار بەزىدە ۋىتامىن تولۇقلاشقا موھتاج بولىدۇ. گۆشى يېمەيدىغانلارغا قارىتا، داۋالاش خادىملىرىدىن ۋىتامىن تولۇقلاش دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەكمۇ-يوق سوراپ بېقىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17742756.shtml