توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئادەم بەدىنىدىكى %99تىن ئارتۇق كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشقا مەركەزلەشكەن، باشقا ئەركىن توقۇلمىلار ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، سۆڭەكنى «كالتسىي ئامبىرى» دېيىشكە بولىدۇ.
تۇرمۇشتا بۇ بەش خىل كىشىلەردە ئاسانلا كالتسىي كەمچىل بولىدۇ.
1. بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈرلەر: كالتسىي بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قاتنىشىدىغان مۇھىم ئېلېمېنت. بىر ماقالىدە، كالتسىي كەم بولسا كېسەلگە قارشىلىق كۈچى، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى قاتارلىقلارغا ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
2. بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر: سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن كۆپ مىقداردا فوسفور ۋە كالتسىيغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى كالتسىي ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
3. ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار: ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلە ناھايىتى تېز چوڭىيىدۇ، ھەر كۈنى ئانىسىدىن 400 مىللىگىرام كالتسىي ئالىدۇ.
4. ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى ئاياللار: ئاياللاردا ھەيز توختاش مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ، سۆڭەكنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
5. ياشانغانلار: تەخمىنەن 35- 40 ياشتىن كېيىن، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سۆڭەك ماددىسى تەدرىجىي يوقىلىپ، ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئەسلى مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17591244.shtml