ۋىنا تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش رەسىملىك كۆرۈنۈشى
ۋىنا قان تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش
静脉曲张, Varicose veins, Varis
تېرە ئاستىدىكى تومۇرلار كۆك ، چوڭىيىپ كەتكەندەك، ۋە قاتلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنۈشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. گەرچە باشتا پەقەت قىسمەن قان تومۇرنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبلىك، ئاز بىر يەردىلا قان تومۇر روشەنلىشىپ ئىششىق شەكىلدە كۆرۈنۈشى مۇمكىن، ئەمما بۇ تەرەققىي قىلىۋەرسە، كېڭەيگەن قان تومۇرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇزىراپ، چوڭ تومۇرغىچە تۇتىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ۋە ھەتتا تومۇر يېرىلىشنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش پەيدا بولغاننىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا پەقەت كۆرۈنۈشتە ئادەمنى بىراز بىئارام قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلاپ، ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ كېڭەيگەن ئەگرى بۈگرى بولغان يەرلەردە قان ياخشى ئاقالمىسا، پۇتتا ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ قان تومۇرلاردا قان نوكچىسى شەكىللىنىپ قالسا، تومۇردا ئاغرىش ، ئىششىش، قىزىرىش، ھەتتا قىلقان تومۇرلاردا توسۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ قان نوكچىلىرى بەدەننىڭ باشقا يەرلىرىگە بېرىپ تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تۆۋەندىكى ئادرىستىن، ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىپ كېتىشكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى مەزموننى كۆرەلەيسىز.