قېرىنچە ئايرىش پەردىسى كەمتۈكلۈك كېسىلى (تۇغما يۈرەك كېسىلى)
қеринчә айриш пәрдиси кәмтүклүк кесили (туғма йүрәк кесили)
室间隔缺损 (先天性心脏缺陷病)
ventricular septal defect, VSD (Congenital heart defect)
ventriküler septal defekt, VSD (Konjenital kalp defekti)
يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردا كۆرۈلىدىغان تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئىچىدە ئىككىنجى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. ئوڭ سول يۈرەك قېرىنچە ئارىسدىكى ئايرىش پەردىسىدە تۇغما كەمتۈكلۈك تۆشۈك بولىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۆزلۈكىدىن ئېتىلىپ ساقىيىپ كېتىدۇ، ياكى چوڭ ياشقا كىرگۈچە بىرەر ئېغىر ئالامەت كۆرۈلمىگەچكە، ئېتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ چوڭراق ياشقا كىرگەندە ئاندىن توغرا دىئاگنوزى قويۇلىدۇ. يۈرەك كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئې كو يەنى يۈرەك ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشىدە دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
