نۇرغۇن بالىلاردا بالدۇر يېتىلىش ئەھۋالى بار بولۇپ، بۇنى كۆپىنچە يېمەكلىىكتىكى ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايمىز لېكىن چەت ئەلدىكى بىر ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا ھەر 10 مىڭ بالىدىكى بىر ياكى ئىككى بالىدا بالدۇر يېتىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.
قىزلارنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن. ھازىر تۇرمۇشىمىزدىكى «بىر قىسىم ھورمۇن» لار ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. مۇھىتتىكى بىر قىسىم ماددىلار ئانىلىق ھورمۇن بىلەن زور دەرىجىدە پەرقى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۇ ئانىلىق ھورمۇنى بىر قىسىم ھاشارەت دورىسى، ئوت-چۆپ يوقتىش دورىسى، مىكروب ئۆلتۈرگۈچ دورا تەركىبىدە بار ئىكەن. يەنە بىر قىسىم سانائەت بۇلغىمىلىرىدىمۇ ئانىلىق ھورمۇن بار ئىكەن، ھەتتا بەزى يۇيۇش بۇيۇملىرىدىمۇ ئانىلىق ھورمۇن بىرىكمىلىرى مەۋجۈت ئىكەن.
شۇڭا ئاتا-ئانىلار بەزى يېمەكلىكلەردە ھورمۇن كۆپ، دەپ بالىلارنىڭ يېيىشىنى چەكلىمەسلىكى كېرەك، چۈنكى بىر قىسىم كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەردىكى «خىمىيەلىك تەركىب» لەر بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندا ئۇنىڭ بەدەندىكى ھورمۇنغا تەسىر قىلىشى ئۈنچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.