خولىننىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

باشقىچە ئاتىلىشى: يوق

تۈرى: ياغقا مايىل سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: خولىن بولسا B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىر خىلى. ئۇ «مېڭە قان تومۇر توسۇقى» دىن ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان ئاز ساندىكى ماددىلارنىڭ بىرى، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەستە ساقلاشنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان خىمىيىلىك ماددا.

ئاساسلىق رولى

خولىن فوسفاتىل ىولىننىڭ ئاچقۇچلۇق تەركىبىي قىسمى، بەدەندىكى ئاتسېتىلخولىننىڭ ئاساسى بولۇپ، ئادەم (جۈملىدىن باشقا ھايۋانلار) بەدەن خىزمىتى (پائالىيىتى) نىڭ نورمال يۈرۈشىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ.

خولىن تەركىبىدىكى ئاساسلىق ماددا فوسفاتىدىن خولىن بىلەن سىفىنگومىئېلىن نېرۋىنى تەشكىل قىلىدىغان نېگىزلىك ماددىدۇر، ھامىلىدار ئاياللار ۋە بوۋاقلار مۇۋاپىق مىقداردا خولىن تولۇقلىسا، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە، بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

فوسفاتىدىل خولىن تولۇقلىسا، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت جىددىي مۇھىت ۋە بېسىم شارائىتىدا تۇرسا، ئادەتتە نېرۋا ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىپ، ئاسان ھاياجانلىنىش، ئاسان چارچاش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مۇۋاپىق پەيتتە فوسفاتىدىل خولىن تولۇقلىسا، مېڭە خىزمىتىنىڭ جانلىنىشى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولىدۇ.

قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئوتتۇرا ياش، ياشانغان كىشىلەرنىڭ قېنى تەركىبىدىكى خولىن مىقدارى زور مىقداردا ئازىيىپ كېتىدۇ، مېڭىدىكى نېرۋا ئۆتكۈزگۈچى ماددا ئاتسېتىلخولىنمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازىيىپ كېتىدۇ، بۇ قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپتۇر.

خولىن بىلەن تولۇق تەمىنلەنگەندە، ئورگانىزمدا يېتەرلىك خولىن بولۇپ بەدەندىكى ئاتسېتىل بىلەن بىرىكىپ ئاتسېتىلخولىن ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى، بۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى يېتەرلىك ئۇچۇر توشۇغۇچى ماددا بىلەن تەمىن ئېتىپ، قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

فوسفاتىدىل خولىن يەنە بىئولوگىيىلىك پەردىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق تەركىبىي قىسىم بولۇپ، ئۇ بەدەندىكى ئوشۇقچە توكسىننى پارچىلايدۇ ھەمدە ئۇنى جىگەر ۋە بۆرەك ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ بەدەندىكى توكسىن مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولۇشتىن شەكىللىنىدىغان دانىخورەك، تېرىگە پىگمېنت چۆكۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى گەۋدىلىكتۇر.

فوسفاتىدىل خولىن سۇغا مايىل ھەمدە قان قىزىل ئاقسىلىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە. ھەركۈنى بەلگىلىك مىقداردا فوسفاتىدىل خولىن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تېرىنى يېتەرلىك سۇ ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەپ، تېرىنى سىلىق ۋە يۇمشاق قىلغىلى بولىدۇ.

بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كىشىلەر ئادەتتە ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئەگەر خولىن كەمچىل بولىدىغان بولسا، بۆرەك زىيانغا ئۇچراپ پۈۋەكچە ئېپىتېلىيسى سويۇلۇشچان بۆرەك ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، سۈيدۈكتە ئاقسىل بولىدۇ، دائىم قان سىيىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر بەدەندە بۆرەك ئىقتىدارىنى ساقلايدىغان بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولسا، ئۇ ھالدا بىر ھەپتە ئىچىدىلا بۆرەك كېسىلى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

تەجرىبىلەر، تېز ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان كىچىك ھايۋانلارغا خولىن يېتىشمىگەندە، كۆپىنچە پۈۋەكچە ئېپىتېلىيسى سويۇلۇشچان بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلاپ، ئاسانلا ئۆلۈپ قالىدۇ.

جىگەر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئەگەر بەدەندە خولىن يېتىشمىسە، ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ياغ جىگەردە جۇغلىنىپ قالىدۇ-دە، جىگەرگە ياغ ئولتۇرۇش شەكىللىنىدۇ. خولىن ياغنى ئېمولسىيىلەپ پارچىلاش ۋە سۇغا مايىللىقتىن ئىبارەت قوش رولغا ئىەە بولۇپ، ياغنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.

خولىن كەڭ كۆلەمدىكى بىئولوگىيىلىك پەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جىگەر قوغدايدۇ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قوغدايدۇ ھەمدە جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىشىشى ۋە قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

ھاراق، تاماكا، ئېغىر مېتاللار قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار ۋە ۋىرۇسنىڭ جىگەرگە قىلىدىغان ھۇجۇمىغا قارىتا، خولىن يەنە ئىنتايىن مۇھىم قوغداش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئۆت تېشىنى ئېرىتىدۇ.

بەدەندە خولېستېرول مىقدارى زىيادە كۆپ بولسا چۆكمە ھاسىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆت تېشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

خولىن ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى ئوشۇقچە خولېستېرولنى پارچىلاپ، ھەزىم قىلىپ ۋە شۈمۈرۈلۈپ، بۇ ئارقىلىق خولېستېرولنى سۇيۇق ھالەتتە ساقلايدۇ. ئەگەر كۈنىگە بەلگىلىك مىقداردا خولىن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئۆت تېشى شەكىللىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن، شەكىللىنىپ بولغان ئۆت تېشىغا نىسبەتەنمۇ مۇئەييەن ئېرىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

خولىن قاندىكى ئېغىر تىپتىكى ياغ ۋە خولېستېرولنى ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز ئۇششاق مولېكۇلىلارغا پارچىلاپ، ئۇلارنى ماددا ئالماشۇرۇش جەريانىغا قاتناشتۇرۇپ ۋە سۇدا ئېرىتىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خولىن قاندىكى خولېستېرول مىقدرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ياغنى نېيتراللاشتۇرىدۇ، پېروكسىدلارنى تازىلايدۇ، خولېستېرولنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا چۆكۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

فوسفاتىدىل خولىن قان تومۇرلارننى سىلىق، تەكشى قىلىپ، ئۇلارنڭى ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئېلاستىكلىقىنى ساقلايدۇ، شۇڭا ئۇ قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش،  ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە بولۇپ، يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە سەكتىسى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

جىگەر قېتىشىش، جىگەرگە ياغ ئولتۇرۇشۇش، ئارتېرىيە قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

ئاسان تىت-تىت بولىدىغان، ئاسان ھاياجانلىنىدىغانلار، ھاراقنى ككپ ئىچىدىغانلار.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

تەركىبىدە خولىن ئەڭ مول يېمەكلىكلەردىن ھايۋانلارنىڭ مېڭىسى، جىگىرى، ئېچىتقۇ، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، بۆرەك ۋە تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلار بار. سۈت مەھسۇلاتلىرى، دادۇر، خاسىڭ، ماندارىن، لىمون، ئاپېلسىن، ياڭيۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ ئىنتايىن مول.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

نۆۋەتتە تېخى ئۇنىڭ قوشۇمچە تەسىرى بارلىقى بايقالمىدى.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

خولىن ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، يەنە B گۇرۇپپىدىكى باشقا ۋىتامىنلارنىمۇ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ۋىتامىن E نى ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىنوزىتول ۋە خولىننى يېتەرلىك ئىستېمال قىلىش لازىم.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-19 / 10:49:28

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

بىر باھا بار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ