گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئادەتلەر

0
1750
گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئادەتلەر

باش قاشلاش . بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى ، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە ، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ ، چاچ چۈشۈش ، چاچنىڭ ئۇچى يېرىلىش ، چاچقا بالدۇر ئاق كىرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئادەتلەر

تاماق يەپ بولۇپ ئۇزۇن ئولتۇرۇش . بەزى ئاياللار تاماقنى تويغىچە يەپ بولۇپلا پاراڭلىشىپ ياكى تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ . ئەگەر بۇ خىل ناچار ئادەت ئۇزاق داۋاملاشسا ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ساغرىسى ساڭگىلاپ ، قورساق سالىدۇ ، شۇڭا ئاياللار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مېڭىپ ياكى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسە ئىنتايىن پايدىلىق .

دۈم يېتىپ ئۇخلاش . بىر قىسىم ئاياللار دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇنداق بولۇۋەرسە يۈز بېسىلىپ ، قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ، يۈز ئىششىپ ، بارا–بارا چىرايىنى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ .

كۆپ تاماق يېيىش . تاماقنى كۆپ يېگەندە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بەدەن گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here