ياللۇغلۇق يىپسىمان سۆگەلسىمان ئېپىدېرما مېڭى ( Inflammatory Linear Verrucous Epidermal Nevus ،ILVEN ) بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان تېرە كېسىلى بولۇپ، ئېپىدېرما مەڭ ( Epidermal Nevus ) نىڭ بىر خىل كەنجى تىپىغا تەۋە. ئۇ Blaschko’s سىزىقى ( تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل يوللۇق ئەندىزەنى ئىپادەيلدۇ) نى بويلاپ تارقالغان يىپسىمان تېرە زەخمىسىنى كۆرسىىدۇ. ئادەتتە قىزىل داغ، مۈڭگۈزلىشىش ۋە سۆگەلسىمان ئۆسۈش كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك بالىلىق مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئالتە ياشتىن تۆۋەن بىمارلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئاز ساندا بولسىمۇ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ياكى قۇرامىغا يېتىش مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى : ياللۇغلۇق يىپسىمان سۆگەلسىمان ئېپىدېرما مېڭى
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى : Inflammatory Linear Verrucous Epidermal Nevus
خەنزۇچە ئاتىلىشى : 炎性线状疣状表皮痣
تۈركچە ئاتىلىشى : İnflamatuar Lineer Verrüköz Epidermal Nevus
قىسقارتىلمىسى: ILVEN
كىلىنىكىلىق ئىپادىسى
ILVEN تىپىك تېرە زەخمىسىدە يىپسىمان ياكى داغسىمان قىزىل ياكى قوڭۇر قىزىل رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ . ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەڭگىسىمان كېپەكلىشىش ۋە مۈڭگۈزلىشىش ئەگىشىپ كېلىدۇ. بۇ تېرىدىكى زەخمىلەر ئاساسلىقى پۇت – قوللاردا يۈز بېرىدۇ، لېكىن گەۋدە ياكى يۈز قىسمىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئادەتتە بىر تەرەپكە جايلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يەنى پەقەت بەدەننىڭ بىر تەرىپىدىلا يۈز بېرىدۇ، ئىككى تەرەپكە سىممېترىك جايلىشىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
ILVEN كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىرتقى كۆرۈنۈشتىن باشقا ھىچقانداق ئالامەت بولمىسىمۇ ، ئەمما ئالامەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بىر ئالاھىدىلىكى سىجىل قىچىشىش بولۇپ، بۇ خىل قىچىشىش ئادەتتە جاھىل خاراكتېرلىك بولۇپ، بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان رايوندىكى تېرە قېلىنلاش، قۇرغاقلىشىش، يۈزى يىرىكلىشىش ياكى سۆگەلسىمان تومپىيىپ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ئادەتتىكى يىپسىمان ئېپىدېرما مەڭ ( Linear Epidermal Nevus ) گە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، ILVEN دىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ياللۇغلىنىش ئىنكاسى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ ھەمدە قىچىشىش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك قوزغىلىش مېخانىزمى
ILVEN ئېنىق كېسەللىك سەۋەبى تېخى تولۇق ئېنىقلانمىدى ،نۆۋەتتە تەتقىقاتلار گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ( مەسىلەن ،FGFR3 ياكى PIK3CA گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر يۈزەكى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنىڭ ئۆسۈش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قىسمەن تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ،ياللۇغ ILVEN كېسەللىك پەيدا بولۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن ،پاتولوگىيەلىك يالپاقلاش يارا بولغان يۈزە تېرىدە ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ھۈجەيرىلەر ئىنفىلتراتسىيىلىنىش مەۋجۇت ئىكەن.
پەرقلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش
ILVEN بەزى باشقا تېرە كېسەللىكلىرىدىن پەرقلەندۈرۈشى كېرەك ،بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
تەڭگە تەمرەتكە ( Psoriasis ) : تەڭگە تەمرەتكىنىڭ تېرىدىكى زەخمىلەر ئادەتتە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك تارقىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرىدىكى ئىپادىلىرى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ.
ياپىلاق لىشاي ( Lichen Planus ) : ئادەتتە سۆسۈن رەڭلىك ياپىلاق دۆڭچە ئەسۋە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ ،ILVEN دە قىزىل ياكى قوڭۇر قىزىل رەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.
يىپسىمان ياپىلاق لىشاي ( Lichen Striatus ) : ILVEN بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ،لېكىن ئادەتتە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ ھەمدە روشەن ئاستا خاراكتېرلىك قىچىشىش بولمايدۇ.
سۆگەل : سۆگەل بىلەن تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما سۆگەل كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تاق بولىدۇ، ۋە ۋىرۇس سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدۇ. سۆگەلدە قىچىشىش بولمايدۇ.
قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈش كېرەك؟
ILVEN كېسىلىنىڭ شۈبھىسى بولغان تېرە ئۆزگىرىشلىرىدە، تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇللىرى
ILVEN داۋالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كونترول قىلىش ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ياخشىلاش بولۇپ ،نۆۋەتتە ئۇنىڭ تۈپ كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئۇسۇلى يوق. كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
يەرلىك ئورۇندىكى ستېروئىد دورىلار : يەرلىك ئورۇندىكى ياللۇغ ۋە قىچىشىشنى يېنىكلىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بىر قەدەر كۈچلۈك ئۈنۈملۈك ستېروئىد مەلھەم دورا كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىش جەھەتتە بىر قەدەر ئۈنۈملۈك.
يەرلىك ئېممۇنىتېتنى تەڭشىگۈچى دورىلار : مەسىلەن:تاكېموس ( Tacrolimus ) ۋە پىرامىموس ( Pimecrolimus )، تېرىنىڭ ياللۇغلىنىش ئىنكاسىنى ئازايتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
نۇر بىلەن داۋالاش : مەسىلەن:تار سپېكترلىق UVB ياكى كۋازى مولېكۇلىلىق لازېر ( Excimer Laser ) ئارقىلىق بەزىدە كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.
تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى : كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر ھەم تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەللەرگە قارىتا، ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ئورۇننى كېسىپ ئېلىۋېتىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، لېكىن ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تاتۇق قېلىشى مۇمكىن.
لازېر نۇرى ئارقىلىق داۋالاش : كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىد لازېر نۇرى ياكى ئىمپۇلىسلىق بوياق لازېر نۇرىنىڭ تېرىدىكى زەخمىلەرنىڭ قېلىنلىقى ۋە ياللۇغلىنىشنى ئازايتىش جەھەتتە بەلگىلىك ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.
گەرچە ILVEN يامان سۈپەتلىك كېسەللىككە ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك جاھىل قىچىشىشى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشىدىكى ئۆزگىرىش بىمارنىڭ پىسخىكىسى ۋە كەيپىياتىغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ ،شۇڭا بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە مۇۋاپىق داۋالاش بىمارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم. ئۇزاق مۇددەت زىيارەت قىلىش ۋە يەككە داۋالاش لايىھىسىمۇ دائىم زۆرۈر.