سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
دائىرىلىك چاچ چۈشۈش (تەڭگە تاز كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) باشنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى چاچنىڭ بەلگىلىك مىقداردا تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.
دائىرىلىك چاچ چۈشۈش
Alopesi Areata
Saçkıran
斑秃
دائىرىلىك چاچ چۈشۈشنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى قانداق؟
دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ھەر خىل ياش قاتلىمىدىكى كىشىلەردە يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ئادەتتە يۇمىلاق ياكى ئېللىپس شەكىللىك، دىيامېتىرى 10-1 سانتىمېتىرغىچە بولغان، چېگراسى ئېنىق بولغان چاچ چۈشۈش رايونىنىڭ شەكىللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. چاچ چۈشكەن ئورۇننىڭ تېرىسى يەنىلا سىلىق، ياللۇغسىز بولىدۇ.
دائىرىلىك چاچ چۈشۈشنىڭ كېسەللىك جەريانى باشلىنىش مەزگىلى، تۇراقلىق مەزگىلى ۋە ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، باشلىنىش مەزگىلىدە چاچ يىلتىزى بوشاپ، قول بىلەن چاچنى تۇتقاندا ئاسانلا يۇلۇنۇپ چىقىدۇ؛ تۇراقلىق مەزگىل بولسا دائىرىلىك چاچ چۈشكەن ئورۇننىڭ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي تىنچ تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ، كۆپ ساندىكى بىمارلاردا 3 ~ 4 ئاي تۇراقلىق مەزگىلدە تۇرغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ؛ ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە ئەڭ دەسلەپتە يۇمشاق، سۇس رەڭلىك يېڭى چاچ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ ۋە ۋاقىت ئۆتكەنچە تەدرىجىي ئۆسۈپ، رەڭگى قېنىقلىشىپ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىدۇ.
ساختا دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ۋە باش تەمرەتكىسى شەكىل جەھەتتىن دائىرىلىك چاچ چۈشۈشكە ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما كېسەللىك خۇسۇسىيىتى ۋە داۋالاش تەدبىرى ئوخشىمىغاچقا بۇلارنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
ساختا دائىرىلىك چاچ چۈشۈش بىر ۋاقىتتا كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان يۇمىلاق، ئېللىپىس ياكى تەرتىپسىز شەكىلدە باش تېرىسى يىگلەش خاراكتېرلىك داغ پارچىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا تەدرىجىي ھالدا تۈك خالتىسى يىگلەش ۋە مەڭگۈلۈك چاچ چۈشۈش كۆرۈلىدۇ؛ باش تەمرەتكىسىدە بولسا چاچ تولۇق چۈشۈپ كەتمەيدۇ، لېكىن چاچ يىلتىزىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا چاچ ئۈزۈلۈش كۆرۈلىدۇ ۋە شۇ ئورۇن تەڭگىسىمان كېپەك ياكى داغ ھالىتىدە بولۇپ قالىدۇ.
دائىرىلىك چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟
نۆۋەتتە دائىرىلىك چاچ چۈشۈشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، لېكىن نۇرغۇن ئىسپاتلاردىن ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت مېخانىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. مەسىلەن دائىرىلىك چاچ چۈشۈش ئادەتتە بىر ياكى كۆپ خىل ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى بىلەن بىللە پەيدا بولىدىغان بولۇپ، دىيابېت، ئاق كېسەل بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. يەنە ئىرسىيەتمۇ مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، %25 دائىرىلىك چاچ چۈشۈش بىمارىنىڭ جەمەت تارىخىدا بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالى بار ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىك ۋە ئورگانىزملارنىڭ چارچىشى، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى قاتارلىقلارمۇ دائىرىلىك چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن.
دائىرىلىك چاچ چۈشۈشنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟
دائىرىلىك چاچ چۈشۈشنى داۋالاشقا ئادەتتە 2 ~ 3 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ كېسەللىك ئامىلىنى تۈگىتىدىغان مەزگىل بولۇپ، كېسەلنىڭ سەللىمازا ساقىيىشى ئۈچۈن 6 ~ 12 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا بىمارلار بۇنىڭغا نىسبەتەن سەۋرچان بولۇپ، داۋالاش بىلەن تەڭ چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىغان تۇرمۇشتىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17809183.shtml