ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشياپونىيە تەتقىقاتچىلار گېن تەھرىرلەش ئارقىلىق دوۋن كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلدى

ياپونىيە تەتقىقاتچىلار گېن تەھرىرلەش ئارقىلىق دوۋن كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلدى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دوۋن يىغىندى ئالامىتى Down syndrome كېسەللىكى 21-خروموسومنىڭ ئارتۇق بىر نۇسخىسى (ترىسومى 21) بولۇشىدىن كېلىپ چىققان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان خروموسوم نورمالسىزلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ گېنىتىك كېسەللىك بەدەندىكى ئالاھىدىلىكلەر، تۇغما يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى، ئۆگىنىش ۋە سۆزلەش قىيىنچىلىقى قاتارلىق تەرەققىياتنىڭ كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىندا ،  مىيې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى (ياپونىيە Mie University ) تەتقىقاتچىلار مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلدى — ئۇلار ئارتۇق خروموسومنى چىقىرىپ تاشلايدىغان گېن تەھرىرلەش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

 

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا «PNAS Nexus» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، DNA نى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان CRISPR/Cas9 سىستېمىسىنىڭ كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھۈجەيرىلەردىن ئارتۇق خروموسومنى قانداق چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. CRISPR ئېنزىملارنى ئىشلىتىپ ئالاھىدە DNA تەرتىپىنى ئىزدەيدىكەن، ۋە ماس كەلگەن نىشاننى تاپقاندىن كېيىن، پۈتكۈل گېنىتىك ماتېرىيالنى چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. بۇ قېتىم، ئالىملار پەقەت ترىسومى 21 نىلا نىشانلايدىغان CRISPR يېتەكچى مولېكۇلاسىنى ياساپ چىققان. بۇ ئۇسۇل «ئاللېل-ئالاھىدە تەھرىرلەش allele-specific editing» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئېنزىمنىڭ پەقەت بەلگىلىگەن نىشانغا تەسىر قىلىشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ. تەجرىبە جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار ئارتۇق خروموسومنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، يېتىشتۈرۈلگەن ھۈجەيرىلەردىكى گېن ئىپادىسىنىڭ نورمال ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بايقىدى.

ياپونىيە تەتقىقاتچىلار گېن تەھرىرلەش ئارقىلىق دوۋن كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلدى
رەسىم مەنبەسى image source: https://medicalxpress.com/news/2025-02-crispr-extra-chromosomes-syndrome.html

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى سىناقلاردا، تەھرىرلەنگەندىن كېيىن نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك گېنلارنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپلاشقانلىقى، مېتابولىزمغا مەسئۇل گېنلارنىڭ بولسا ئاستىلىغانلىقى كۆرسىتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، تۈزىتىلگەن ھۈجەيرىلەر تېخىمۇ تېز ئۆسۈشكە باشلىدى، ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈش ۋاقتى داۋالانمىغان ئەۋرىشكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا قىسقاردى.

تەجرىبىخانىدىكى ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈشتىن باشقا، ئالىملار CRISPR نى دوۋن يىغىندى ئالامەتلىرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردىن ئېلىنغان تېرە فىبروبلاستلىرىدا سىناق قىلدى. بۇ ئۇسۇل يەنە بىر قېتىم ئۈنۈم بېرىپ، بىر قانچە ئەھۋالدا ئارتۇق خروموسومنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چىقىرىپ تاشلىدى. قانداقلا بولمىسۇن، CRISPR ساغلام ھۈجەيرىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، شۇڭا تەتقىقاتچىلار بۇ تېخنىكىنىڭ كلىنىكىلىق قوللىنىلىشىغا تېخى ئۇزۇن ۋاقىت بارلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ گۇرۇپپا ھازىر تەھرىرلەشنىڭ پەقەت ترىسومى بار ھۈجەيرىلەرگىلا تەسىر قىلىشى ئۈچۈن تېخنىكىنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ.


 

ئۇيغۇرچە / Uyghurche : ترىزومى 21،ترىسومى21، دوۋن ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ، دوۋن يىغىندى كېسەللىكى ، داۋن سېندرومى ، داۋن سىندرومى، دوۋن يىغىندى ئالامىتى ، دوۋن يىغىندى ئالامەتلىرى
ئىنگىلىزچە / English : down Syndrome ، trisomy 21
تۈركچە / Türkçe : trisomi 21, down Sendromu,
خەنزۇچە / 汉语 : 21号三体综合症 (唐纳德综合征, 唐氏综合症)

دوۋن يىغىندى ئالامىتىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ :

ترىزومى 21 (دوۋن يىغىندى ئالامىتى)

https://dohturlar.com/trizomi-21-dawn-uniwersal-keselliki

ترىزومى 21 (دوۋن يىغىندى ئالامىتى)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ