سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
دېۋەڭلىك كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، دائىم ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر توپىدا يۈز بېرىدۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇنتۇغاقلىق، ئۇنۇتقاقلىق ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىپادە. ئەمەلىيەتتە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى يەنە ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، بىمارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسىدە ئىنسانلار «تېلېۋىزور كۆرۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالىيالىشى مۇمكىن ئىكەن. تېلېۋىزور كۆرۈشمۇ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تەتقىقاتچىلار بۇنى «چاقنىغان چىراغ نۇرى» ۋە «ئاۋاز رىتىمى» رول ئوينايدۇ دەپ قارايدۇ.
ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى قايسىلار؟
1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ئاساسلىقى چوڭ مېڭىدىكى چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئاساسلىق ئىپادىسى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىشلارنى ناھايىتى تېز ئۇنتۇپ قېلىش، ھەتتا ئەمدىلا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قېلىش، بىر نەرسىنى قولىغا ئېلىپلا نېمىگە ئىشلىتىدىغىنىنى ئۇنتۇپ قېلىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
2. ئاددىي ئىشلارنى تاماملىشى تەس بولۇش
ئادەتتە قىلالايدىغان بىر قىسىم ئاساسىي ئۆي ئىشلىرىنى ھازىر تاماملىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، مەسىلەن كىيىم كىيىش تەرتىپى، قورۇما قورۇش قەدەم باسقۇچلىرىنى بىلمەسلىك، سىرتقا چىقىپ كۆكتات سېتىۋالغاندا ھېسابات قىلالماسلىق، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشى قالايمىقانلىشىپ كېتىش قاتارلىقلار.
3. كەيپىياتى نورمالسىز بولۇش
كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ، ئىلگىرىكى بىپەرۋا، چىقىشقاق مىجەزىدىن ئۆزگىرىپ ھازىرقى ئۇششاق سۆز، جاھىل، گۇمانخور، سەزگۈر، ئاجىز بولۇپ قېلىشى، كەيپىياتى ئاسانلا چۈشكۈنلىشىپ قىلىشى، دائىم ھاڭۋېقىپ قېلىشى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مىجەزى چۇس، غەلىتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
4. تىل ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش
ئاساسلىق ئىپادىلىرى ئىپادىلەش قىيىن بولۇش، ناھايىتى ئاددىي سۆزلەرنى ئېسىگە ئالالماسلىق، مۇۋاپىق سۆز بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولۇش، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا قۇرۇق گەپ سېتىش، كوتۇلداش، مەنىسى ئېنىق بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
1. ئويۇن ئويناش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينىسا ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئەنگلىيە نېرۋا سىستېمىسى ئالىملىرى تەجرىبە ئارقىلىق دائىم كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينايدىغان ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ چېكىنىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدىغانلىقىنى بايقىغان، چۈنكى كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينىغۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە پىكىر يۈرگۈزۈشىگە موھتاج بولۇپ، قان ۋە ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ مېڭىگە ئېقىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىنى روھلاندۇرىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە چوقۇم ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنى كۆپەيتىش، ئالدى بىلەن بېلىقلار، بولۇپمۇ چوڭقۇر دېڭىزدىكى بېلىقلار، شۇنىڭدەك قارا گۆش، كالا گۆشى ۋە ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتىنى تاللاش كېرەك.
3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئادەتتە ياشانغانلارنىڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاستا ماڭسا، تەيجى ئوينىسا، مەيدان ئۇسسۇلى ئوينىسا، ئۇنىڭدىن باشقا بىمارلار مېڭىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇسا،گېزىت ئوقۇسا بولىدۇ، ئويۇنلاردىن سۆز تولدۇرۇش ئويۇنى ئوينىسا، ئۆزى كۆپرەك ھېسابلاش سوئالى ئىشلىسە، ماجاڭ ئوينىسا، قارتا ئوينىسا بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17695568.shtml