ئانا سەھىپەدورا ۋە ساغلاملىقدورا ئىشلىتىشياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە بۇ نۇقتىلارنى ئەستە مەھكەم تۇتۇشى لازىم

ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە بۇ نۇقتىلارنى ئەستە مەھكەم تۇتۇشى لازىم

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈندىدار سالون يازمىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياشانغانلارنىڭ ئاغرىپ قېلىش ئالاھىدىلىكلىرى:

دورا دىنامىكىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياشانغانلار جگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى، ئالبۇمىننىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ماي توقۇلمىسىنىڭ كۆپىيىشى، دورىنىڭ جىگەردىكى مېتابولىزىمى ياكى بۆرەكتىكى چىقىرىپ تاشلىنىشى ئاستىلاش قاتارلىق ئامىللاردىن بولغان قاندىكى دورا قويۇقلۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك دورىنىڭ ناچار تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.

فارماكودىنامىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياشانغانلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى دورىلىرى، قېتىشىشقا قارشى دورىلار، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار ۋە يۇقىرى قان بېسىم دورىلىرىغا بولغان سەزگۈرلىكى يۇقىرى بولۇپ، دورىنىڭ تەسىرى ياشلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا كۈچلۈك بولىدىكەن. شۇڭا نورمال مىقداردىكى دورىمۇ ياشانغانلارغا ئاسانلا ئەكىس تەسىر قىلىدىكەن، ھەتتا دورا مەنبەلىك كېسەللەرنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالىدىكەن.

پىسخىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ياشانغان بىمارلارنىڭ بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ساۋاتلىرى نىسبەتەن يېتەرسىز، ئۆزىدىكى خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغانلىقتىن، دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئىستىكى ئاجىز، دورىغا تايىنىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىر قەدەر ناچار بولۇپ ئاسانلا دورىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىپ قالىدىكەن.

 

ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىش پىرىنسىپى:

ياشانغانلارنىڭ نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى دورا ئىشلەتمىسىمۇ بىر تەرەپ قىلغىلى بولغانلىقتىن، ئاۋۋال دورا بىلەن داۋالاشنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش كېرەك.

ئامال بار بىر قېتىمدا كۆپ خىل دورا ئىچىشتىن ساقلىنىش، بىر قېتىمدا بەش خىلدىن ئارتۇق دورا ئىچمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دورا ئىچىش لايىھەسى ئىمكانقەدەر ئاددىي بولىشى، مۇمكىن بولسا بىر خىل دورىنى كۈندە بىر قېتىملا ئىچىش كېرەك.

بىمارنىڭ چىدامچانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىش ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى دورىلارنىڭ تۇنجى مىقدارى ئۆلچەملىك مىقداردىن سەل تۆۋەن بولۇشى، قامدىما مىقدارنىمۇ ئېھتىيات بىلەن بېكىتىش، 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ قامدىما مىقدارى ياشلارنىڭكىدىن ئازراق بولۇشى كېرەك.

ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە چوڭ تابلېتكا ۋە كاپسۇلدىن يىراق تۇرۇشى، ئامال بار سۇيۇقلۇق دورا ئىچىشى لازىم.

دورىنى خاتا ياكى كۆپ ئىچىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، تومپۇچكىغا دورا قويماسلىق لازىم(جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرىدىن سىرت).

 

ياشانغانلارنىڭ دورىغا بولغان خاتا قاراشلىرى:

ئانتىبئوتىك دورىلارنى ھەممىباب دورا ياكى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدىغان دورا دەپ قاراش. ياشانغانلارنىڭ ئانتىبئوتىك دورىلارغا بولغان پوزىتسىيەسى ئىككى قۇتۇپلىشىش ھالىتىدە بولۇپ، بىر قىسىم ياشانغانلار ئانتىبئوتىك دورىلارنى«ھەممىگە قادىر دورا»ھېسابلاپ، ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالىدۇ، ئادەتتىكى زۇكام، قىزىش، گال ئاغرىقىغىمۇ ئانتىبىئوتىك دورا ئىچىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم ياشانغانلار ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى چوڭ دەپ قاراپ زۆرۈر بولسۇن بولمىسۇن، ئىشلىتىشنى رەت قىلىدۇ.

ئۇزاق كېسەل تارتسا ئۆزىنى دوختۇر بولۇپ كەتكەندەك ھېسابلاپ، خالىغانچە دورا يېيىش. بىر قىسىم ياشانغانلارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسىلى قوزغالغاندا بىۋاستە دورىخانىغا بېرىپ دورا سېتىۋېلىپ ئىچىدۇ، دوختۇرغا كۆرۈنگەندىمۇ ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي دوختۇردىن ئىلگىرى ئىشلىتىپ باققان دورىلارنى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ياشانغانلار بۇنداق خالىغانچە دورا ئىشلەتكەندە دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىپ، ئاسانلا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

ئۆلچىگەن كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن ئۆزىگە دورا تەڭشەش. بەزى ياشانغانلار بەدەن ساغلاملىقىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆيىدە قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، قان شېكىرىنى ئۆلچىگۈچ قاتارلىق ئەسۋابلارنى تەييارلاپ بىكار بولسىلا ئۆلچەپ باقىدۇ. يامىنى بىر قىسىم ياشانغانلار ئۆلچىگەن سانلىق قىممەتلەر نورمال چىقسىلا دورا ئىچىشنى توختىتىپ قويىدۇ ياكى دورا مىقدارىنى ئازلىتىۋېتىدۇ، بۇ ناھايىتى خەتەرلىك قىلمىش بولۇپ ئويلىمىغان ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. توغرا ئۇسۇل بولسا ئۆلچىگەن سانلىق قىممەتلەرنى ياخشى خاتىرىلەپ قايتا تەكشۈرتۈپ، دوختۇر ياكى دورىگەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش پىلانىنى ئۆزگەرتىش.

ئاللىقانداق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، مەخپىي رېتسىپلارغا ئىشىنىپ قېلىش. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دورا ئەمەس، ئادەتتە كېسەلگە بولغان ئۈنۈمىمۇ ئۇنچە چوڭ بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياخشى-يامىنىنى ئايرىش قىيىن. بەزى سودىگەرلەر ئۆزلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەرزان باھالىق غەربچە دورىلارنى قوشىدۇ. ئاتالمىش مەخپىي رېتسىپلارنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوق بولۇپلا قالماي بىمارلارنى قايمۇقتۇرۇپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار بەدىنىدە بىرەر بىنورماللىقنى سەزگەندە ياكى بىئارام بولغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

ياشانغانلار ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشكە تېگىشلىك دورىلار. ياشانغانلارنىڭ دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە ئۇچىراش ئېھتىماللىقى ياش ۋاقتىدىكىنىڭ 2~3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك دورىلار ئاسانلا ياشانغانلارغا ئەكىس تەسىر قىلىدىكەن.

يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكىنى داۋالايدىغان دورىلار. مەسىلەن دىگوكسىن قاتارلىق دىگىتالىس تۈرىدىكى دورىلارنى بۆرەك ھەيدەپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى بەلگىلىك دەرىجىدە چېكىنگەچكە، دورىنىڭ چىقىرىلىشى ئاستىلاپ، قاندىكى دورا قويۇقلۇقى ئۆرلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئاسانلا بىر قەدەر ئېغىر بولغان مەركىزىي نېرۋا توسالغۇسى ۋە يۈرەك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قىزىتما قايتۇرىدىغان، ئاغرىق توختىتىپ ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورىلار. باۋ تەيسۇڭ، ئىندول مېيشىن، ئاسپىرىن قاتارلىق دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، باۋ تەيسۇڭنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا سۇلۇق ئىششىق ۋە قايتا ئىشلىنىشى توسالغۇغا ئۇچىراش خارەكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئىندومېيشىننى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا باش قېيىش، روھىي توسالغۇ، ئىچى سۈرۈش، ئاشقاران-ئۈچەي قاناش، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

بۆرەك ئۈستى پوستلاق ھورمونى. كورتىزون تۈرىدىكى دورىلار بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى، مۇسكۇل تالاسى ياللۇغى دېگەندەك، لېكىن ياشانغانلار كۆپىنچە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا، سۆڭەكنىڭ سۇنۇشىنى ياكى سۆڭەك بېشىنىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/20044091.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-20 / 03:55:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ