سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بالىلارنىڭ سۈت چىشى بوشاپ كەتمەي تۇرۇپ يېڭى چىش چىقىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەھۋالنى مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا «قوش قاتار» تىزىلغان چىشلارنىڭ رەتلىك بولماسلىقىنى ياكى ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ بىنورمال يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ چىشىنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەمما ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ چىشىنى خالىغانچە تارتىۋەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا چىشنىڭ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چىش تارتقۇزغاندا كەسپىي خادىملارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك، تارتقۇزۇشتىن بۇرۇن ئەتراپلىق تەكشۈرتۈپ ئاندىن تارتقۇزۇش كېرەك.
چىش ئالمىشىش مەزگىلىدە كالتسىي تولۇقلاش كېرەكمۇ؟
كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىنىڭ بىرى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بوۋاق تۇغۇلغاندىن تارتىپ قۇرامىغا يەتكۈچە پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە كالتسىي ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
بولۇپمۇ چىش ئالمىشىش مەزگىلىدە بوۋاقلارغا كالتسىي تەركىبى يۇقىرى ۋە ۋىتامىن D يېتەرلىك يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق.
ۋىتامىن Dنىڭ تولۇقلىنىشى بەك ئاستا بولۇپ قالسا قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىسى يېسە بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، بىراق ئىشلىتىش مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك! كالتسىي، تۆمۈر، سىنك ۋە كۆپ خىل بىرىكمە ۋىتامىن مىقدارى كۆپ بولغان قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىسى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بالىنىڭ سۈت چىشى ياكى تۇراقلىق چىشى چىقىپ بولغاندا كالتسىيلىشىش باسقۇچى تاماملانغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قانچە كۆپ كالتسىي ۋە ۋىتامىن D تولۇقلىغان بىلەنمۇ چىشىنىڭ كالتسىيلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا ياردىمى بولمايدۇ.
بوۋاقنىڭ چىشىنىڭ كالتسىيلىشىش مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتەرلىك سۈت ياسالمىلىرى، گۆش، تۇخۇم قاتارلىق تەركىبىدە كالتسىي ۋە ۋىتامىن D مول بولغان يېمەكلىكلەر ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دورىلارنىڭ بالىلارنىڭ چىشىنىڭ كالتسىيلىشىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردىمى بولىدۇ.
سۈت چىشى بوشاپ كەتسە ۋاقتىدا تارتقۇزۇش كېرەكمۇ؟
تارتقۇزۇش زۆرۈر بولسا دوختۇرغا تارتقۇزۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ خالىغانچە چىش تارتقۇزۇشقا بولمايدۇ! بولمىسا چىش مىلىكى توقۇلمىلىرى زەخىملىنىش ياكى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە ئەگەر بوشاپ قالغان چىش بوۋاقنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە، چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئەگەر بوۋاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئانچە چوڭ تەسىرى بولمىسا، چىشنىڭ ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كەتكىنى ياخشى.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئانىلار بوۋاقنىڭ چىشى كېچىكىپ چىقىدۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇراقلىق چىشىنىڭ چىقىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن 3-2 ئايدا تۇراقلىق چىش چىقىدۇ.
ئەگەر ئۈچ ئاي ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىتقىچە تۇراقلىق چىش چىقمىسا بۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل سەۋەبتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن:
1. تۇراقلىق چىش تۇغما كەمتۈك بولۇش.
2. كۆپ چىش چىقىش سەۋەبلىك تۇراقلىق چىشنىڭ چىقىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.
3. سۈت چىشى چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن يىلتىز ئۇچى كېسەل بولۇپ، تۇراقلىق چىشنىڭ كالتسىيلىشىشى ۋە ئۆسۈپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇ خىل ئەھۋالدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
بوۋاقنىڭ چىش ئالمىشىش مەزگىلى بالدۇر بولسا جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلگەنلىكىمۇ؟
ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چىش ئالمىشىش مەزگىلى بەدەن سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ئىرسىيەت قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، شۇڭا چىش ئالمىشىش مەزگىلىنىڭ بالدۇر بولۇشى جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ بالدۇر يېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ!
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17810606.shtml