ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار كېسەللىكلىرىياشانغانلاردىكى باش ئاغرىش سەۋەبلىرى

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىش سەۋەبلىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىش سەۋەبلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ

1يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبلىك باش ئاغرىش؛بۇنىڭدا دائىم باشنىڭ گەجگە قىسمى ۋە پېشانە قىسمى ئاغرىيدۇ،باشنى تۆۋەن قىلغاندا ياكى نەپەسنى توختىتىپ كۈچىگەندە باشنىڭ ئاغرىشى ئېغىرلىشىدۇ.

2.بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش:كۆپۇنچە باشنىڭ گەجگەقىسمى ۋە گەجگە ئاسىتى قىسمى تارتىشىپ ئاغرىيدۇ،بەزىدە سانجىلغاندەك ياكى تلىپ ئاغرىيدۇ،باش ئاغرىشتىن باشقا يەنە شۇ تەرەپ بىلىكى ئاغرىيدۇ ۋە ئۇيۇشىدۇ.

3.بويۇن ئارتېرىيە ياللۇغىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش ئاغرىش:باش تېرىسى يۈزە قەۋىتى،بويۇن قىسمى،كۆز چانىقى ئەتراپى كۈچلۈك تەۋرىنىش خاراكتىردە توختىماي ئاغرىيدۇ،ھەمدە قىزىش ،چارچاش ۋە نېرۋا سىستېمىسى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

4.مېڭە سەكتىسىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش:مېڭە سەكتىسى شەكىللىنىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن باش ئاغرىيدۇ،ئەمما ناھايىتى تېزلىكتە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ.مەسىلەن:مۈچىلەر ماغدۇرسىزلىنىش،ئۇيۇشۇش،بويۇن قاتتىقلىشش، ياندۇرۇش قاتارلىقلار.

5.مېڭە ئۆسمىسىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش:باشلىنىشىدا ئادەتتە ئارىلاپ تېلىپ ئاغرىيدۇ،كېيىن داۋاملىق ئاغرىيدۇ،يۆتەلگەندە چۈشكۈرگەندە ھەمدە نەپەس ئالماي كۈچىگەندە باش ئاغرىقى ئېغىرلىشىدۇ،شۇنداقلا ياندۇرۇش ۋە ئۆزىگە مۇناسىپ ھالدىكى نېرۋا روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.ئۇندىن باشقا يەنە ياشانغانلاردا ئۈچلۈك نېرۋىنىڭ بىرىنچى تارمىقى ئاغرىش،گەجگە نېرۋىسى ئاغرىش ۋە نۇر سۇندۇرۇش توغرا بولماسلىق،چىكە،ئېڭەك بوغۇم كېسەللىكى،ئۆپكە فونكىسىيسى تولۇق بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن باش ئاغرىيدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:18:32

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ