ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشيېڭى بايقاش: 12 مىنۇت چوڭقۇر خىيال قىلىش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

يېڭى بايقاش: 12 مىنۇت چوڭقۇر خىيال قىلىش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ئەڭ بالدۇر بولغاندا 2500 يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى يوگا ئارقىلىق بەدەننى مۇقىم بىر ھالەتكە ئەكېلىپ، قەلب، خىيال، روھنى ئەڭ دەسلەپكى ھالەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئادەمنى ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش مەنزىلىگە يېتەكلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئاڭلىماققا ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوقتەك قىلىدۇ، لېكىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئىلزابىت بىلاك ئىلمىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بايقىغان.

يېڭى بايقاش: 12 مىنۇت چوڭقۇر خىيال قىلىش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار: ھەر كۈنى 12 مىنۇت چوڭقۇر خىيالغا چۆكسە، 90 كۈندە تېلومېرنى %30 ئۇزارتقىلى بولىدۇ

«چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش» ئەمەلىيەتتە ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، ئۇ بىر خىل روھىي كۈچ ۋە چوڭ مېڭىگە قارىتىلغان بوشاشتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئويى ۋە كەيپىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەققىي يۈرەك تىۋىشىنى ئاڭلاش ھالىتىگە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈشنىڭ زادى قانچىلىك كۈچى بار؟

ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسىنىڭ ھۈجەيرە بىيولوگى ئىلزابىت بىلاك ئىلمىي تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش بىلەن تېلومېر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايقىغان.

تېلومېر (Telomere) ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرە يىپسىمان خىروموزومانىڭ ئاخىرىدا مەۋجۇت بولغان بىر بۆلەك DNA – ئاقسىل بىرىكمىسى بولۇپ، ئۇچ دانچە قىسقا تەكرارلىنىش تەرتىپى بىلەن ئۇچ دانچە بىرىكمىگەن ئاقسىلى بىلەن بىرلىكتە ئالاھىدە «بۆك» قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ رولى خىروموزومىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش ۋە ھۈجەيرەنىڭ بۆلىنىش دەۋرىنى كونترول قىلىش.

ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى 239 نەپەر يېشى ۋە تۇرمۇش ئادىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئايالنى تاللاپ، ئۇلارنى كولورادو ئىشتاتىدىكى شانبالا تېغىغا بېرىپ 90 كۈنلۈك چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش تەجرىبىسى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلاردىن ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 12 مىنۇت چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈشنى تەلەپ قىلغان، تەجرىبە جەريانىدا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئالدۇرىدىغان مۇزىكىلارنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چەكلەپ، ئۇلاردا ئارتۇقچە روھىي بېسىم پەيدا بولۇشىدىن ساقلىغان.

تەجرىبە نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 90 كۈن چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش ئارقىلىق، 239 ئايال ئىچىدە تەخمىنەن %83 ئادەمنىڭ تېلومېرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30تىن ئېشىپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللار كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ھۈجەيرىلەر ياشلىشىپ، ئىقتىدار جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچىيىپ، 20 ياشلىق ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسىدەك بولۇپ كەتكەن.

ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: «گەرچە ۋاقىت ۋە ئەۋرىشكە سانى بىرقەدەر چەكلىك بولسىمۇ , ھېچ بولمىغاندا چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈشنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا بولغان ئاكتىپ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، تېلومېرنىڭ ئۇزۇرىشى دەل بۇنىڭ مۇھىم ئىسپاتى» دېگەن.

 

نېمە ئۈچۈن تېلومېر مۇھىم ئىسپات بولالايدۇ؟

پىروفېسسور ئىلزابىت بىلاك ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئادەم بولۇپ، 2009ـ يىلى ئۇ تېلومېر بىلەن ئۆمۈرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يەشكەنلىكى ئۈچۈن نوبېل فىزىيولوگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 100 شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، تېلومېر بولسا خروموسومنىڭ بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «قوغداش بۆكى» بولۇپ، پىروفېسسور ئىلزابىت بىلاك، گرېيد، شوستاك ئۈچەيلەن تېلومېر ۋە تېلومېر فېرمېنتىنىڭ خروموسومنى قوغداش مېخانىزمىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان.

يەنى ھۈجەيرە ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈش جەريانىدا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق بۆلۈنۈشىدە تېلومېر بىر قېتىم قىسقىرايدۇ، تېلومېر قىسقارمىغاندا، ھۈجەيرە بۆلۈنۈشكە ئامالسىز قېلىپ قېرىيدۇ. ئۇلار بۇ تەتقىقاتتىن پايدىلىنىپ تېلومېر بىلەن ئانتىتېلا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/19629732.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ