بەيدۇ تور خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئېغىز بوشلۇقى پاكىز بولسا بىئارامچىلىق بولمايدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتكەندە، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاچچىق تەم پەيدا بولۇپ، ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسساپ كېتىدۇ. ئەگەر مەسىلىنى بالدۇرراق ھەل قىلماي كەينىگە سۆرىگەندە، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى، ھەتتا باشقىچە تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئېغىزنىڭ ھەم قۇرۇپ، ھەم ئاچچىق بوپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
1. جىگەرنى ئىسسىق قاپلاپ كېتىش
ئادەتتە جىگەرنى ئاسراشقا دىققەت قىلىدىغان كىشىلەر ساغلام بولىدۇ، بولۇپمۇ، كەيپىياتنى ياخشى كونترول قىلىپ، يېمەك -ئىچمەكنى سۇيۇق-سەلەڭ يەپ، مۇۋاپىق دەم ئالغاندا، جىگەرنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى نورمال جارى قىلدۇرۇلۇپ، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك ئورگانىزمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بىراق، ئۇزۇن مەزگىل كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش، تۈنەش ياكى قالايمىقان ئوزۇقلىنىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر تۈپەيلى، جىگەرنىڭ يۈكى تەدرىجىي ئېشىپ، جىگەرنى ئىسسىق قاپلاپ كېتىدۇ ۋە يەنە نۇرغۇن ناچار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئېغىز قۇرۇش، ئېغىز ئاچچىق بولۇش، كۆز تورلىشىش، ئېغىز پۇراش قاتارلىقلار.
جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بۇ ئەھۋاللارغا بالدۇرراق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك، پاسسىپ كەيپىياتنى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش، مامكاپ چېيى، جۇخارگۈلى چېيى قاتارلىقلار چايلارنى ئىچىش ئارقىلىق مىجەزىنى تەڭشەش كېرەك. ئەلۋەتتە، دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكنىڭ تەسىرى
ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق پەرۋىش قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەش، تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش، ئەتىگەن-كەچتە چىش چوتكىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چىش دېغى باكتېرىيەسىنى تىزگىنلەپ، ئېغىز بوشلۇقىدا باكتېرىيە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى، چىشنى قۇرت يېيىش قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ ياكى بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، بەزىدە يېرىم كېچىدە ئېغىزى قۇرۇپ، ئاچچىق بوپ كېتىدۇ.
بۇ تۈردىكى كېسەللىكلەرگە قارىتا ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرگەندە، سالامەتلىكنى تەبىئىي ھالدا ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قالايمىقان نەرسە يېمەسلىك كېرەك، بىر قىسىم كىشىلەر تاماقتىن كېيىن چىشىنى چوتكىلىمايلا ئۇخلايدۇ، بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋەرگەندە، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاستا-ئاستا مىكروبلار پەيدا بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شۇڭا بۇنداق ناچار ئادەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.
3. ئاشقازانى ئىسسىق قاپلاپ كېتىش
ئاشقازاننى ياخشى ئاسرىغاندىلا، ئاندىن ھەزىم قىلىش ياخشى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەككە چەك قويماي، دائىم زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىشى، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەگەر يەنە كۆپ مىقداردا ئاچچىق، غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان شىللىق پەردىسى زەخىمىلىنىپ، ئاسانلا ئاشقازاننى ئىسسىق قاپلاپ كېتىش ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدۇ، ئاشقازاننى ئىسسىق قاپلاپ كەتسە، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئېغىز پۇراش، ھەتتا ئېغىز قۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بۇ ئەھۋاللارغا بالدۇرراق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك، سۇيۇق-سەلەڭ غىزالىنىش، يېڭى كۆكتات، يېڭى مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/19746426.shtml