توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش غەيرىي ئورۇنلۇق ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يەنى تۆرەلمە بالىياتقۇ ئىچىدە ئورۇنلاشماي بالىياتقۇ سىرتىدا جايلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان خەتەرلىك ئەھۋال. ئۇنداقتا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش قانداق ئىش؟
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش قانداق ئىش؟
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ پەيدا بولۇشى ئاياللاردىكى تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تۇخۇم نەيچىسى ئاياللارنىڭ مۇھىم كۆپىيىش ئەزاسى بولۇپ، ياللۇغلىنىش پەيدا بولغاندا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ يۈز بېرىشى يەنە ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش قېتىم سانىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاياللاردا پات-پات بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاياللاردا ئاسانلا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ۋە ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆپىيىش ئەزالىرىدا غەيرىيلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدا غەيرىيلىك مەۋجۇت بولۇپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ بوشلۇقىدا جايلىشالماي قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا باشقا جايدا جايلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. يەنە بەزى ئاياللاردا تۇخۇم نەيچىسىنىڭ يېتىلىشى غەيرىي بولۇش ئەھۋالى بار بولسا، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
داس بوشلۇقى ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغا بىمارلاردا، ئاسانلا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئۆسمىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە بالىياتقۇدا شەكىل ئۆزگىرىش ياكى ئورۇن يۆتكىلىش يۈز بېرىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورنىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قالغاندا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بولسا، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قورساقتا قاتتىق ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. تەرەت كەلگەندەك ھېس قىلىدۇ. قورساق ئاغرىغاندا پۈتۈن بەدەندىن سوغۇق تەر چىقىپ، ھالسىزلىنىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى بولسا، جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىدىغان بولۇپ، ھەيز مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا، قان مىقدارى ئانچە كۆپ بولمايدۇ، لېكىن قاننىڭ رەڭگى قېنىق بولىدۇ.
ھامىلىدار بولغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئايلىنىپ كېتىش ياكى شوك بولۇپ قېلىشمۇ بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ھامىلىداردا تۇيۇقسىز بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، تۇخۇم نەيچىسى يېرىلىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان قورساق بوشلۇقىدىكى جىددىي قاناشتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆزىدە بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغاندا، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماسلىق كېرەك، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، دەرھال ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك، بولمىسا قان كۆپ چىقىپ كېتىدۇ، ھەتتا تۇغۇت ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قېلىشنى داۋالاشتا، نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ، ئەگەر بالدۇر بايقالسا، ھامىلە تېخى چوڭ بولمىغانلىقتىن، دورا بىلەن ھامىلىنى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چوقۇم تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نورمالسىزلىقنى بالدۇر بايقاپ، ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرنى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىن ئېلىشى كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17960977.shtml