ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي كېسەللىكلەريولدىشىدا باھ زەئىپلىك كۆرۈلگەندە ئايالى قانداق قىلىشى كېرەك؟

يولدىشىدا باھ زەئىپلىك كۆرۈلگەندە ئايالى قانداق قىلىشى كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەرلەردە باھ زەئىپلىشىش كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالانغاندىن سىرت، يەنە مۇھىمى ئايالى ياخشى ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك. ئايالىنىڭ پوزىتسىيەسى بىۋاسىتە ھالدا كېسەللىكنىڭ ئارقىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

1. يولدىشىدا باھ زەئىپلىكى كۆرۈلۈپ، زەكەر قاتماسلىق ياكى قېتىشى ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئايالى چوقۇم روھىي جەھەتتىن تەسەللىي بېرىشى، يولدىشىغا كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.

ئەرلەردە باھ زەئىپلىكى كۆرۈلگەندە، ئۇلار روھى جەھەتتىن ناھايىتى ئازابلىنىدۇ، ئايالىغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ. ئايال بولغاچى ھەرگىزمۇ يولدىشىدىن ئاغرىنماسلىقى، ئۇنى ئەيىبلىمەسلىكى، سوغۇق مۇئامىلە، توڭ گەپلەرنى قىلماسلىقى، ئۇنى مەنسىتمەيدىغان ئەھۋاللاردىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئايال بولغۇچى بۇ خىل ئەھۋاللارنى سادىر قىلسا، يولدىشى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئايال بولغۇچى چوقۇم يولدىشىغا ياخشى كۆيۈنۈشى، ئۇنىڭغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشى، بىرلىكتە چارە قوللىنىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شۇ ئارقىلىق يولدىشىدىكى قورقۇنچ، جىددىيلىكنى يوقىتىپ، يولدىشىنىڭ روھىنىڭ جۇشقۇن، كەيپىياتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بالدۇرراق كېسەللىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر.

ئەرلەردە باھ زەئىپلىكى كۆرۈلگەندە، ئاسانلا بىر خىل «كىرىزىس تۇيغۇسى» پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئايال بولغۇچى ھەرگىزمۇ «ئەڭ ئاخىرقى مىنا»نى تاشلىماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: ئەگەر پالانى ۋاقىتقىچە ياخشى بولۇپ كېتەلمىسەڭ، سەندىن ئاجرىشىمەن دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يولدىشىغا تەھدىت سالماسلىقى كېرەك.

2. يولدىشىدا باھ زەئىپلىكى كۆرۈلۈپ، زەكەر قاتماسلىق ياكى قېتىشى ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئايالى چوقۇم كېسەللىك سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ھەمدەمدە بولۇشى كېرەك. باھ زەئىپلىكىنىڭ سەۋەبى نىسبەتەن كۆپ، شۇڭا چوقۇم دوختۇرنىڭ باھ زەئىپلىكى كېلىپ چىقىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ چىقىشىغا ماسلىشىپ بېرىش تولىمۇ زۆرۈر.

3. يولدىشىدا باھ زەئىپلىكى كۆرۈلۈپ، زەكەر قاتماسلىق ياكى قېتىشى ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە چوقۇم جىنسىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. جىنسىي تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە تەييارلىق باسقۇچى بولىدۇ. شۇڭا يولدىشىدا باھ زەئىپلىكى كۆرۈلۈپ، زەكەر قاتماسلىق ياكى قېتىشى ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئايال بولغۇچى ئاكتىپ پوزىتسىيەگە ئۆتۈپ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنىڭ سانى ۋە مىقدارىنى كونترول قىلىشى، يولدىشى ئۈنۈمسىز ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتكە مەجبۇرىلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بەزىدە 1 ئاي ياكى 2 ئاي ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتنى توختىتىپ، يولدىشىنىڭ باھ زەئىپلىكىنى داۋالىتىشىغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى، يولدىشىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ.

4. بىر قىسىم ئىشەنچلىك، ئۈنۈمى ياخشى بولغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ بېرىش ئارقىلىق، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىت يارىتىش بىلەن بىرگە تۇرمۇشتا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

مەنبە: لوقمان ھەكىم مىكروبېتى
https://uyghur-archive.com/loqmanhekim/index_12720.html

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-05 / 03:40:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ